باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
5 يىلدا 40 قېتىم ھۆسۈن تۈزەتكەن قىز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-28 01:38:27

 

كورىيە «شەرقىي ئاسىيا كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ 31-ئىيۇلدىكى خەۋىرى: كورىيىلىك 40 قېتىم ھۆسۈن تۈزەتكەن «سۈنئىي گۈزەل قىز» نەچچە كۈن ئىلگىرى مەلۇم پروگراممىغا قاتنىشىپ، بۇرۇن ئۆزىنىڭ كۆرۈمسىز چىرايى سەۋەبلىك، نۇرغۇن قېتىم باشقىلارنىڭ كەمسىتىشى ۋە تىللىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتقان.
فېي جىنئەن ئىسىملىك بۇ قىز پروگرامما نەق مەيدانىغا يۈزىگە نىقاب تاقاپ چىققان بولۇپ، ئۇ يۈزىدىن نىقابىنى ئېلىۋەتكەندە، رىياسەتچى ھەيران قالغان. فېي جىنئەننىڭ بەش يىلدا 40 قېتىم ھۆسۈن تۈزەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار قاتتىق ھەيران قالغان.
بۇ پروگراممىنىڭ تورداشلىرى مۇنداق ئىپادىلەرنى بىلدۈرگەن: «يۈزى بەك چىرايلىق ئىكەن. لېكىن ئازراق تومپىيىپ چىقىپ قاپتۇ»، «قىرىق قېتىم ھۆسىن تۈزۈتۈش ئوپېراتسىيىسى قىلغان بۇ قىز بەك قالتىس ئىكەن»، «يۈزى ئانچە تەبىئىي ئەمەس ئىكەن»، «نېمىشقا بۇنچە كۆپ قېتىم ھۆسىن تۈزىتىدۇ؟

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق