باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
گۇگېل كۆزەينىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىجتىمائىي ئەنسىزلىك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-28 11:00:26

 

گۇگېل كۆزەينىكى ئاز بولمىغان تېخنىكا مۇۋەپپىقىيەتلىرىگە ۋە كەڭ دائىرىلىك قوللىنىش يوللىرىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۇتۇق قازىنىشى ياكى مەغلۇب بولۇشىدىكى ھالقىلىق نۇقتا مۇنداق بىر مەسىلىگە باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن: سىز بىر ئاممىۋى سورۇندا بۇ كۆزەينەكنى تاقىۋالغان ۋاقتىڭىزدا، ئەتىراپتىكى كىشىلەردە قانداق ئىنكاس بولۇشى مۇمكىن؟ تۆۋەندە بىز تېخنىكا تاراتقۇسى بولغان Apple Insider دىكى ماقالىنى كۆرۈپ باقايلى، ئۇنىڭدابىر قاتار «ئاچقۇچىلار نەشىرى»دىكى گۇگېل كۆزەينىكىنى تاقاش سەرگۈزەشتىسى سۆزلەنگەن.

1. ياخشى باشلىنىش

ئائىلىدىكى كۆڭۈل ئېچىش ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئۆيگە نۇر كابىل تارتقۇزدۇم، بۇنىڭ ئۈچۈن تامدىن تۆشۈك ئېچىشىم كېرەك، شۇنىڭ بىلەن مەن Harbor Freight دۇكىنىغا بېرىپ ئۈشكە سېتىۋالماقچى بولدۇم. پۇل يىغىش ئورنىدىكى چىرايلىق قىزچاق ماڭا:«ئوھوي، بۇ ھېلىقى گۇگېل كۆزەينىكى شۇمۇ؟ تاقىۋالسا قانداق بولىدىكەن؟ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ھەممەيلەن ئۇنى سېتىۋالالامدۇ؟» دېدى. قارىماققا ئۇ بەكلا قىزىققاندەك قىلاتتى، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ چۈشەنچىسىمۇ خېلى باركەن، «ئاچقۇچىلار نەشىرى»دىكى كۆزەينەكنىڭ باج قوشۇلغان باھاسى 1600 دوللار (تەخمىنەن 9820 يۈەن) ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغاندا ئۇ چۆچۈپ كېتىپتىكەن. شۇڭا بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش خېلى يامان ئەمەس بولدى دېيىشكە بولىدۇ.

2. گۇمان

دەل مەن بۇ دۇكانغا يېتىپ كېلەي دېگەندە، كۆزەينەكنىڭ توكى قالمىدى. پۇكەينىڭ ئارقىسىدا تۇرغان خوجايىن گۇمانلىنىش نەزىرى بىلەن ماڭا تىكىلىپ، تۈپتۈزلا قىلىپ مەندىن «تاقىۋالغىنىڭ نېمە؟» دەپ سورىدى. ئۇ ئەزەلدىن گۇگېل كۆزەينىكىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەن. مەن چۈشەندۈرۈشكە باشلىدىم: -ئاددىيلا قىلىپ دېسەك، بۇ بېشىڭىزغا تاقىۋالىدىغان يانفۇن. بۇ ئارقىلىق قاتناش لىنىيەسىنى تەكشۈرگىلى، ئېلخەتلەرنى كۆرگىلى، يەنە تېلفۇن ئۇرغىلى بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، دۇكان خوجايىنىنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى، مېنىڭ ئۇنى ئوغۇرلۇقچە سۈرەتكە تارتىۋېلىشىم ئىكەن. مەن ئۇنىڭغا باتارىيەدە ئاللىقاچان توك قالمىغانلىقىنى ئېيتساممۇ ئىشەنمىدى، ئەكسىچە ماڭا ئاچچىقلاپلا كەتتى. بۇ بەلكىم باش قىسمىغا تاقىۋالىدىغان ئېكراندا ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولغان مەسىلە بولسا كېرەك. تاقىۋېلىشقا ئەپلىك كومپيوتېرنىڭ باشلامچىسى سىتېۋ مان (Prof. Steve Mann) ئۆتكەن يىلى فرانسىيەدىكى ۋاقتىدا، ماك دونالدنىڭ خىزمەتچىلىرى تەرىپىدىن تاياق يېگەن. ئۇنى ئۇرغان خىزمەتچىلەر باشقا خىزمەتچىلەر ۋە خېرىدارلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىنى قوغدىدۇق دېگەن. گەرچە بۇ ۋەقە بىر تىپىك مىسال بولسىمۇ، ئەمما ئۇ مۇنداق بىر مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى: گۇگېل ئەگەر بۇ كۆزەينەكنىڭ مودا مەھسۇلاتقا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلسا، ئۇنداقتا چوقۇم بۇ مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. «نازارەت دوستانە»لىشىپ كېتىۋاتقان بۇ جەمئىيەتتە، ئاممىۋى سورۇندا كامېراسى بار كۆزەينەك تاقاپ يۈرۈش چوقۇم نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ شەخسىيىتىگە تەھدىت بولۇشى مۇمكىن.
3. چىداپ تۇرغىلى بولماسلىق

مەن ماي قاچىلاش پونكىتىدا ماي قاچىلاۋاتقاندا گۇگېل كۆزەينىكىنى تاقىۋالغان ئىدىم. پۇل تۆلەۋاتقىنىمدا، پۇل يىغقۇچىنىڭ ماڭا تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى بايقىدىم. شۇ چاغدىكى مەنزىرە تولىمۇ تىمتاس ئىدى. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، مۇشۇ مەزگىللەردە مەن داۋاملىق گۇگېل كۆزەينىكىنى تاقىۋالسام ئۆزۈمنى ئەركىن ھېس قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم، شۇڭا ئادەتتە سىرتلارغا تاقاپ چىقمايدىغان بولدۇم. مەن سىرتتا ئۇچراشقان ئادەملەر ئارىسىدا، بەزىلەر ئۆزىنى تەھدىتكە ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىشىدىكەن، بىر نەچچەيلەن ئۇنىڭغا قىزىقتى، يەنە بەزىلەر ئۇنى ئەھمىيەتسىز دەپ قارايدىكەن. ئەمما ھەممە ئادەم دېگۈدەك بۇنى تاقىۋالغان ئادەمنى كىتاب خالتىسى دەپ قارايدىكەن. نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسىغا Brad Pitt (داڭلىق كىنو ئارتىسى) نىڭ كۆك چىش نائۇشنىك تاقاپ چۈشكەن سۈرىتى بېسىلغان، چۈشەندۈرۈشىگە «نائۇشنىكىڭىزنى تاشلىۋېتىڭ» دەپ يېزىلغان. ھازىرقى گۇگېل كۆزەينىكى دەل كېيىنكى بىر دەۋردىكى «كۆك چىش» بولۇپ قالىدۇ، يەنى ئۇ ئەسلىدىنلا بىر قوشۇمچە زاپچاس، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ ئۈچۈن 1500 دوللار خەجلەيسىز.
4. ئۆيدە بولسا قانداق بولماقچى؟

ئاممىۋى سورۇندا گۇگېل كۆزەينىكى تاقىۋالسام ئەركىن بولالمايدىكەن دەپ، ئۆيدىلا تاقايدىغان بولدۇم. نەتىجە ئوخشاشلا بولدى، ئايالىم بۇ قىلىقىمغا پەقەتلا چىداپ تۇرالمىدى. كۆزىڭىزگە ئېكراندىن بىرنى ئېسىۋالسىڭىز، تەبىئىيلا باشقىلارنىڭ گۇمانىنى قوزغاپ قويىسىز، ھەتتاكى ئەڭ يېقىن سۆيگىنىڭىزمۇ سىزدىن گۇمان قىلىدۇ. بەزىدە ئايالىمغا تىكىلىپ تۇرساممۇ، ئۇ مېنىڭ دىققىتىمنىڭ باشقا ئىشلارغا چېچىلىۋاتقانلىقىدىن گۇمان قىلىدۇ. راستىنى ئېيتقاندا، بەزىدە مەن كۆزەينەك تاقىمىساممۇ دىققىتىم چېچىلىدۇ، كۆزەينەكنى تاقىۋالسام باشقىلارنىڭ گۇمان قىلىشى تۇرغانلار گەپ. دادام بىلەن ئۇنىڭ قىز دوستى كەچلىك تاماققا كەلگەندە، مەن ئۇلارنىڭ يانفۇنىغا Hangout نى قاچىلاپ بەردىم، ئاندىن ئۇلار بىلەن سىنلىق پاراڭلاشتىم. ئەمما ئېكراندا كۆرۈنگىنى مېنىڭ چىرايىم بولماستىن، مەن كۆزەينىكىم ئارقىلىق كۆرىۋاتقان نەرسىلەر بولدى. دېسەم-دېمىسەم ئۇلار بۇنداق پاراڭلىشىشنى تازا ياقتۇرمايدۇ. باشقىلارنى ئۆزىنىڭ گۇگېل كۆزەينىكىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش ئانچە ئاسان ئەمەس. گۇگېل يېقىندىن بېرى بىر قىسىم ئېلان فىلىملىرىنى ئىشلەپ، كىشىلەرگە بۇ ئۈسكۈنىنى قانداق ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئۆگىتىۋاتىدۇ، بەلكىم بۇنىڭ ئۈنۈمى بولىشى مۇمكىن. ئەپسۇسلىنارلىقى، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى تاقىۋالغۇچىلار يېنىدىكى ئادەملەرگە سەل قارايدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا شەخىسىيىتىمىز دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ خىل يامان تەسىرنى يوقاتماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق