باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدىغان يۇمشاق دېتاللار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-28 12:45:15

 

ئامېرىكا پەن تېخنىكا بىلوگى Business Insider نىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا ئۇلاردىكى مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئاشىدىكەن. ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ۋە تۈز ئېكرانلىق كومپىيوتېر قاتارلىق كۆچمە ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ھەمىشە كىشىلەر يېنىدا بولىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، Business Insider تور بېكىتى يېقىندا كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى ئاشۇرالايدىغان 10 چوڭ iPhone ۋە iPad ئەپ پىروگراممىسىنى ئاتايىتەن تاللاپ چىققان بولۇپ، بۇ قوللىنىش ئەپ پىروگراممىلىرى كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى تېخىمۇ ياخشى تاماملىشىغا ياردەم قىلالايدىكەن.

Daedalus Touch

Daedalus Touch بولسا كىشىلەرنىڭ خېتىنى گۈزەللەشتۈرەلەيدىغان بىر خىل ئەپ پىروگراممىسى بولۇپ، ئۇنڭ ناھايىتى ئىلغار بولغان تەھرىرلەش ئىقتىدارى بار ئىكەن.
باھاسى: 0.99 ئامېرىكا دوللىرى

Sunrise
Sunrise بولسا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن بىر خىل كالىندار قوللىنىشى بولۇپ، بۇ قوللىنىش پىروگراممىسىنى ئىشلىتىش ئاسان، كۆرۈنۈشى نەپىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭغا يەنە گوگۇل خەرىتە قوللىنىشىمۇ سەپلەنگەن.
باھاسى: ھەقسىز

Scraps
Scrapsبولسا ئابونتلارنىڭ ئۆز ئوي خىياللىرىنى تەشكىللىشىگە ياردەم قىلىدىغان بىر خىل قوللىنىش ئەپ پىروگراممىسى بولۇپ، ئەگەر ئابونتلارنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز بىرەر ئوي پىلان كەلگەن ۋاقىتتا، بۇ قوللىنىش ئەپ پىروگراممىسىغا خاتىرىلەپ قويسا بولىدۇ

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق