باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ھەربىي ئەمەلدارنىڭ ئىسمىنى ئىشەككە قويغان مىسىرلىق دېھقان قولغا ئېلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-09-25 16:15:00

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مىسىرلىق بىر دېھقان مىسىرنىڭ ھەربىي رەھبىرى ئابدۇللا فاتاخ سېشىنىڭ ئىسمىنى ئۆزى باققان بىر ئىشەككە قويغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان.

مىسىر ئوتتۇرا شەرق ئۇچۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ يىل 31 ياشقا كىرگەن ئۆمەر ئابۇساجىر 21-سېنتەبىر مىسىرنىڭ ئوتتۇرا رايونىدىكى گىنا ئۆلكىسىدە قولغا ئېلىنغان. ئەينى چاغدا ئۇ بىر ئىشەككە مىنىپ، شۇ يەردىكى بىر بازاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ئىكەن، ئۇ بۇ ئىشەككە سېشى دەپ ئىسىم قويۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، مىسىرنىڭ بۇ ھەربىي رەھبىرىنى «بىۋاسىتە ھاقارەت قىلىش» جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ساجىرنىڭ قولغا ئېلىنىشى ھازىر مىسىر جەمئىيىتىدە ھەربىي تەرەپنى تەنقىدلەشنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

7-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە، سېشى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تېلېۋىزىيە نۇتقى سۆزلەپ، مۇرسىنى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرغان ئىدى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق