باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
سۇ ئاستىدا مۇزىكا ئورۇندىغان تۇنجى ئادەم
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-23 19:16:04

 

سۇ ئاستىدا مۇزىكا ئورۇنداش ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ھايران قالدۇرىدۇ. «تىتانىك ناملىق پاراخوت» فىلىمىدە مۇزىكانتلار ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە ئىسكىرىپكا بىلەن ھەيۋەتلىك مۇزىكا چالغاچ پاراخوت بىلەن تەڭ چۆكۈپ كېتىدىغان ناھايىتى تەسىرلىك بىر كۆرۈنۈش بار. بىراق، بۇ يەردە دېيىلۋاتقان سۇ ئاستىدا مۇزىكا ئورۇنداش ئۇنىڭغا ئوخشىمايدىغان باشقا ئىش.
1975 - يىلى 3 - ئايدا گېترا ئىسىملىك بىر ئادەم ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شتاتىدىكى ئولىنېسيا «شىتاتلىق چاڭچىڭ ئىنستىتۇتى» دىكى سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ تېگىدە سۇ ئاستىدا تۇرۇپ ئىسكىرىپكا بىلەن گېرمانىيە كلاسسىك مۇزىكانتى
خېندلنىڭ مۇزىكىلىرىنى ئورۇندىغان. ئۇ بىر تەرەپتىن سۇنىڭ بىلىكىگە كۆرسىتىدىغان قارشلىق كۈچىنى يەڭگەن، يەنە بىر تەرەپتىن، بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىغاننىڭ ئۈستىگە ئىسكىرىپكا چېلىش سۈرئىتىنى ئازراقمۇ ئاستىلتىپ قويمىغان، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. بىراق، سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ چېتىدە تۇرغان كىشىلەر ھېچقانداق مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىغان، ئۇلار پەقەت ئۇنىڭ سۇ ئاستىدا ئىسكىرىپكا چالغان ھەركەتنىلا كۆرەلىگەن

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق