باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
چاقچاقتىن كېيىن ساقىيىپ كەتكەن گاس
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 12:47:00

 

شوتلاندىيىدە خەننا ئىسىملىك 61 ياشلىق بىر ئىنژېنېرنىڭ قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان. لېكىن ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى ئىنتايىن ئۆتكۈر بولغاچقا، ئۇ شىركەت ئاشخانىسىدا چۈشلۈك تاماق يىگەندە دائىم تاماقتىن ئەيىب تېپىپ، ئاشپەزلەرنى رەنجىتىدىكەن.

بىر قېتىم، ئاشپەزلەر ئۇنى ئەخمەق قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ياخشى كۆرىدىغان توخۇ گۆشىنى قويۇق خام زەنجىۋىل، ئارپىبەدىيان، قاغا تىرنىقى يىلتىزى ۋە مۇش قاتارلىق تەم تەڭشىگۈچلەردىن تەييارلانغان شىرنىگە چىلاپ قويۇپ، ئۈستىگە قارىمۇچ قاتارلىق دورا - دەرمانلارنى سېپىپ بەرگەن. خەننا ئۇنى يىگەن ۋاقىتتا ئېغىز - بۇرۇنلىرى ئېچىشىپ، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكەن. بىردەمدىن كېيىن ئىككى قۇلىقىنىڭ ئاڭلاش سېزىمى ئەسلىگە كەلگەن، بۇنىڭغا دوختۇرلار ھەيران قالغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق