باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
«كۆزى» ئەڭ چوڭ ھاشارەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 12:48:53

 

蜻蜓.jpg

 

يىڭناغۇچنىڭ ئىككى جۈپ تار ھەم ئۇزۇن كەلگەن پەردىلىك قانىتى بولۇپ، سۈزۈك قانىتىغا قان تومۇرلىرى توردەك يېيىلغان. قانىتىنى يايغان ۋاقتىدىكى ئۇزۇنلۇقى 16 سانتىمېتىر كېلىدۇ، جىم تۇرغان ۋاقىتتىكى قانىتى بىلەن تېنى ئوتتۇرسىدا تىك بۇلۇڭ ھاسىل بولىدۇ. بارلىق ھاشاراتلەر ئارىسىدا يىڭناغۇچنىڭ مۇرەككەپ كۆزى ئەڭ چوڭ بولۇپ، باش قىسمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە پۇلتىيىپ چىقىپ تۇرىدۇ، بېشىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن كۆزى تەخمىنەن 30 مىڭدىن ئارتۇق كىچىك كۆزلەردىن تەركىب تاپقان.

يىڭناغۇچنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ كىچىك ھاشاراتلەرنى تۇتالايدۇ؛ ئۇلار ئوت- چۆپلەر ئۇچىغا قونۇپ تۇرغاندا، ئادەم سايىسىنىمۇ سېزەلەيدۇ.

بەزى ھاشاراتلەرنىڭ مۇرەككەپ كۆزى كىچىك بولۇپ، ئۇششاق كۆزلىرى 100 گىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇلار ھەتتا جىسىملارنىڭ شەكلىنىمۇ كۆرەلمەسلىكى مۈمكىن. تۇپراقتا ياشايدىغان بەزى چۈمۈلىلەرگە ئەتراپ قاراڭغۇ كۆرۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى بەكلا ئاجىز بولۇپ، يورۇقلۇق مەنبەسىنىمۇ ئارانلا پەرق ئېتەلەيدۇ. ئادەتتە ئۇلار تېگىش سېزىمى ۋە پۇراش سېزىمىگە كۆپرەك تايىنىدۇ. يىڭناغۇچنىڭ مۇرەككەپ كۆزىدىكى ھەربىر كىچىك كۆزى كىچىك تىپتىكى كۆرۈش سېزىمى سىستېمىسى بولۇپ، ئۇلار كىچىك كرىستال تەنچە، نۇر يەتكۈزگۈچ سىستېما ۋە سەزگۈر كۆرۈش تور پەردىسى ھۈجەيرىسىدىن تەركىب تاپقان. كىچىك كۆزلەر بىر-بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ھەربىر كىچىك كۆز بىر يۆنىلىشكە توغرىلىنىپ، قىسمەن سۈرەتنى قوبۇل قىلىدۇ، ئاخىرىدا خۇددى فارفور خىشلاردىن تىزىپ چىقىلغان سۈرەتتەك بىر پۈتۈن سۈرەت شەكلىنى ھاسىل قىلىدۇ. يىڭناغۇچنىڭ مۇرەككەپ كۆزى خۇددى چېرتيوژ سىزىلغان تور بېتىگە ئوخشايدۇ، كىچىك كۆز قانچە كۆپ بولسا، تور بېتى شۇنچە ئېنىق، سۈرەتمۇ شۇنچە سۈزۈك بولىدۇ.

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق