باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئالىملار چۈشەندۈرەلمەيۋەتقان ئىنسانلارنىڭ 10 تۈرلۈك قىلمىشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-10-24 16:18:05

 

يۈزى قىزىرىش: دارۋىن ھەرقانچە قىلىپمۇ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى ئارقىلىق بۇ ئىشقا مۇۋاپىق جاۋاپ تاپالمىغان. لېكىن بەزىلەر، بۇ بىر خىل قارشىلىق كەيپىياتىنى پەسەيتىشتىكى ئۆزىنى ئاجىز كۆرسىتىش ئىپادىسى، يەنە كېلىپ ئىككى تەرەپنى يېقىنلاشتۇرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

كۈلكە: ئىنسانلار كۈلگەن ۋاقتىدا كەيپىياتىنى ياخشىلايدىغان ئېندورفېن چىقىرىدىكەن. گەرچە بۇ سەۋەب كىشىنى قايىل قىلسىمۇ، لېكىن 10 يىلغا سوزۇلغان بىر تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، بىر ئىشنى تەكرارلاۋېرىش يۇمۇرغا قارىغاندا كىشىنىڭ تېخىمۇ كۈلگۈسىنى كەلتۈرىدىكەن، ئەمما بۇ يەنە خىمىيەلىك ئۇسۇل ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش بىلەن زىت بولۇپ، كىشىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىكەن.

سۆيۈشۈش: بۇ قىلمىش ئىنسانلار توپى ئارىسىدا ئۇنداق بەك ئوموملىشىپ كەتمىگەن، يەنە كېلىپ تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغانمۇ ئەمەس. بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، سۆيۈشۈش ئانىسىنى ئېمىش، شۆلگىيىدىن بەھىرلىنىش قاتارلىق ئائىلە خاتىرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

چۈش كۆرۈش: ئالىملارنىڭ قارىشىچە، چۈش ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى ئارزۇسىنىڭ ئىنكاسى ئىكەن. گەرچە بۇ قاراش بارلىق كىشىلەرنى قايىل قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار چۈشنىڭ ئىنسانلارنىڭ كەيپىياتىنى ئاشكارىلىشىغا ياردىمى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بىراق، ئالىملار ھازىرغىچە چۈشنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىلمەيۋاتىدۇ.

خۇراپاتلىققا ئىشىنىش: ئۇ كىشىلەرنى تىنچ، خاتىرجەم قىلدۇرىدۇ، بۇ ئىشقا قارىتا تەتقىقاتتا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىلگىرىلەش يوق.

بۇرۇن كولاش: بۇ قىلمىش يېنىدىكى ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ، لېكىن تەتقىقاتتىن قارىغاندا تۆتتىن بىر قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر بۇرنىنى كۈندە تۆت قېتىم كولايدىكەن. ئالىملارنىڭ مۆلچەرىچە، بۇ قىلمىش ئادەملەرنىڭ ئىممۇنتېت كۈچىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بالاغەتكە يېتىش دەۋرى: بۇ ئىنسانلاردا ئالاھىدە بار بولغان قىلمىش بولۇپ، باشقا ھايۋانلاردا ھازىرغىچە بۇ خىل يېتىلىش باسقۇچى بايقالمىدى. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ باسقۇچنى بېشىدىن كەچۈرۈش ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇن شەكىللىنىشكە پايدىلىق ئىكەن، يەنە بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ قۇرامىغا يېتىشتىن بۇرۇنقى تەجرىبە ئىكەن.

باشقىلارغا پايدىلىق قىلمىشلار: ئىنسانلار باشقىلارغا پايدىلىق قىلمىشلارنى قىلىپمۇ ئۇنىڭدىن مەنپەئەت تەلەپ قىلمايدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل قىلمىش كوللىكتېپنىڭ ئۇيۇشچانلىقىغا پايدىلىق ئىكەن، بۇ قىلمىشنى قىلغان كىشى پەقەت ئۆزىنىڭ ياخشى نىيىتىنىلا ئىپادىلەيدىكەن.

سەنئەت: ئىنسانلار رەسىم سىزىش، ئۇسۇل ئويناش، ھەيكەلتىراشلىق ۋە مۇزىكىغا ئامراق كېلىدۇ ھەمدە ئۇنى كىشىلەرگە نامايان قىلىشنى خالايدۇ. لېكىن ھايۋاناتلار دۇنياسىدا بولۇپمۇ توزغا ئوخشاش ھايۋانلار قۇيرۇقىنى ئېچىش، سايراش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھەمراھ ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، سەنئەت ئارقىلىق مەدەنىيەت تارقىتىپ، تەجرىبە ئالماشتۇرغىلى بولىدىكەن.

تۈك: ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدىكى تۈكى ئىنچىكە ھەم يۇمران بولىدۇ، باشقا پرىمانلارنىڭ بولسا ئىنسانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدىكى تۈكى پۇراق چىقىرىش، ئىسسىقلىق ساقلاش ھەتتا تېرە ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن. 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق