باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
جىنىس ئۆزگەرتكەن ئەر ئاياللار تۈرمىسىگە سۇلىنىپ جىم يۈرمىگەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 16:41:19

ئەنگلىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەنگلىيە ساقچى تەرەپ يېقىندا قاتىللىق جىنايىتى سادىر قىلغان بىر «جىنسى ئۆزگەرتىلگەن» مەھبۇسنى ئاياللار تۈرمىسىدىن باشقا تۈرمىگە يۆتكىمەكچى بولغان، چۈنكى بۇ «ئايال» نىڭ ھەرىكىتى دۇرۇس بولمىغان، ئۇنىڭغا جىنس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسى تېخى تولۇق ئېلىپ بېرىلمىغان.

بۇ مەھبۇسنىڭ ئىسمى پاررېش گرىن بولۇپ، 22 ياشقا كىرگەن. گرىن تۈرمىگە كىرىدىغاندا ئۆزىنى جىنس ئۆزگەرتىپ ئايال بولدۇم دېگەچكە، ئاياللار تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتىگەن.

گرىن ھەمراھى بىلەن بىللە 45 ياشلىق بىر ئەرنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرىۋەتكەچكە تۈرمىگە قامالغان. گرىن تۈرمىگە كىرگەندىن كېيىنمۇ يۇۋاش بولمىغان. گۇندىپاينىڭ ئېيتىشىچە، گرىن تۈرمىدە نۇرغۇن ئايال مەھبۇس بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن. كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرۇلسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن، ساقچىلار گرىننى باشقا بىر تۈرمىگە يۆتكىۋەتكەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى مەبلەغ چىقىرىپ، گرىننىڭ قېلىپ قالغان جىنس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسىنى تاماملايدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق