باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى بىر توپ «پەرى» گە يولۇققان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-27 00:04:09

 

 

1985-يىلى 7-ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم بوشلۇقى تەجرىبىخانىسى ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى بىر توپ «پەرى» گە يولۇققان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دوكلاتىدا،ئالەم كېمىسىنى ناھايىتى كغچلۈك چىراغ نۇرىغا ئوخشاش نۇرنىڭ قورشىۋالغانلىقىنى، بۇ نۇرنى بەدىنىدە قانىتى ۋە تۈككە ئوخشىشىپ كېتىدىغان نېپىز نۇر ھاكقىسى بار، ئېگىزلىكى نەچچە يۈز ئىنگلىز چىسى كېلىدىغان غايەت زور يەتتە دانە ئادەمسىمان مەخلۇقنىڭ چىقارغانلىقىنى، ئۇلار قانىتىنى ئاچسا «مەرۋايىت» ماركىلىق ئايروپىلانچىلىق كېلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئالەم كېمىسىگە 10 مىنۇت ئەگىشىپ يۈرگەنلىكىنى ئېيتقان.

ئالەم كېمىسىدە سۈرەتكە ئېلىنغان 43 سېكۇنلۇق فىلىمدىن ئۇنىڭ شەكلىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدىكەن. ئاسترونومىيە فىزىكىسى ئالىم دوكتۇر موناگوۋ بۇ پاكىتنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقارغان:«ئۇ نەرسىلەر شۈبھىسىزكى ئادەم شەكلدىكى جانلىقلاردۇر، بىراق ئۇلار تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ گۆش بەدىنىنى تاشلىۋېتىدىغان دەرىجىگە يەتكەن». چۈنكى ئۇلار بىردەم قاتتىق جىسىم شەكلىگە كىرسە، بىر دەم تۈتەككە ئايلانغان. لېكىن ئۇلارنىڭ بەدىنى ئىنسانلارغا ئوخشىشىپ كېتىدىكەن

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق