باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
كېپىنەكلەر توپىنىڭ كۆچۈشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-30 12:29:56

 

مېكسىكىنىڭ پايتەختىگە ئانچە يىراق بولمىغان تاغلىق رايوندىكى تەبىئىي قوغداش رايونىدا بىر پارچە ئورمانلىق بولۇپ، ھەر يىلى كۈز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن 50 مىليونغا يېقىن ھەر خىل كېپىنەك قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلىپ بۇ جاينى رەڭلىك ئورمانغا ئوخشىتىپ قويىدىكەن. ئىككىنچى يىلى ئەتىياز پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەنلا بۇ كېپىنەكلەر توپى ئامېرىكا قىئەسى چوڭ قۇرۇقلىقىدىن ئۆتۈپ كانادانىڭ جەنۇبىغا بېرىپ ئەۋلاد قالدۇرىدىكەن. بىر يازدا ئۇلار 3 ~ 4 ئەۋلاد كۆپىيىپ، كۈز پەسلى يېتىپ كەلگەندە ھەممىسى بىرلىكتە يەنە مېكسىكىغا كېلىپ قىشنى ئۆتكۈزىدىكەن. بەزى ئەۋلادلار ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ ئىرسىيەتلىك تونۇش قابىلىيىتىگە تاينىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاتا - بوۋىلىرى ياشىغان ئەمما ئۆزلىرى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان سەككىز گېكتار كېلىدىغان بۇ ئورمانلىقتا قىشنى ئۆتكۈزىدىكەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق