باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئادەم بەدىنىنىڭ ئوت ئېلىپ كېتىشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-30 12:45:24

 

«ئادەم بەدىنىنىڭ ئوت ئېلىپ كېتىشى» دېگەن بۇ غەلىتە خەۋەر يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تارقىلىشقا باشلىدى. ئېھتىمال سىز بۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، 1964 - يىلىلا بۇنداق غەلىتە ۋەقەدىن دۇنيا بويىچە تەخمىنەن 1000 قېتىم يۈز بەرگەن. يېقىندا ئەنگلىيە گېزىتلىرى كوچىدا كېتىۋاتقان بىر كىشىنىڭ بەدىنىنىڭ تۇيۇقسىز ئوت ئېلىپ كېتىپ، كىيىملىرىنىڭ كۆيۈپ، بەدىنىنىڭ زەخىملەنگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.

نېمە ئۈچۈن ئادەم بەدىنى ئوت ئېلىپ كېتىدۇ؟ بۇ ھەقتە تۈرلۈك يالغان سۆزلەر بار، نيو يورك سانائەت ئىنستىتوتىنىڭ بىر پروفېسسورى مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلەپ كۆرگەن: ئۇ بىر زاۋۇتنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، زاۋۇتقا كىرگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ قولىغا بىر پارچىدىن مېتال تاختا تۇتقۇزۇپ، ئاندىن كېيىن پوتېنسىئومېتىر ئارقىلىق ھەربىر ئادەمدىكى توك بېسىمىنى ئۆلچىگەن. نەتىجىدە بىرنەچچە ئايال ئىشچى پوتېنسىئومېتىرنىڭ ئىسترېلكىسىنى ئېغىرىۋەتكەن.ئەينى ۋاقىتتا تارتىلغان سۈرەتلەردىن ئايال ئىشچىلارنىڭ ئىككى ئالقىنى ئارىسىدا ئېلېكتىر ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولغانلىقىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

ئادەم بەدىنى خېلىلا يۇقىرى توك بېسىمى پەيدا قىلالىغان يەردە، ئالقان ئارلىقىدىكى «چاقماق» ئەجەبلىنەرلىك ئىش ھېسابلانمايدۇ، ئەلۋەتتە.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق