باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
يۈرگەندىن كېيىن قىز ئوغۇللارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىدا ئوخشىمىغان ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-01-25 23:52:28

 

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، %43 زىيارەتنى قوبۇل قىلغان قىزلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار يۈرگەندىن كېيىنكى بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئېغىرلىقى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن.
جۇڭگو ئاخبارات تورى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى تېلېگراممىسى، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ھەمراھلارنىڭ ئېغىرلىق ئۆزگىرىشى ئوخشاش بولامدۇ؟ چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ 23-چېسلا دوكلات قىلىشىچە، يېقىندا ئەنگلىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، قىزلار بىلەن ئوغۇللار مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقىدا ئەكسىچە ئۆزگىرىشلەر بولىدىكەن. مۇھەببەتلىشىپ بىر يىلدىن كېيىن، قىزلارنىڭ ئېغىرلىقى ئۈچ كىلوگرام ئەتراپىدا ئاشىدىكەن، ئوغۇللارنىڭ بولسا ئوتتۇرىچە ئىككى كىلوگرام ئەتراپىدا كېمىيىدىكەن.

ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، زىيارەت قىلىنغان قىزلارنىڭ ئىچىدە، %43 زىيارەت قىلىنغان قىزلار ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن ئېغىرلىقى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. سېلىشتۇرما سانلىق قىممەتلەرگە ئاساسلانغاندا، پەقەت %29 زىيارەت قىلىنغان ئەرلەرنىڭ ئېغىرلىقى ئاشقان، %39 زىيارەت قىلىنغان ئەرلەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار مۇھەببەتلىشىپ بىر يىلدىن كېيىن ئېغىرلىقى ئىككى كىلوگرام ئەتراپىدا كېمەيگەن.

تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، قىزلار خۇشال بولغان ۋاقىتتا كۆپ نەرسە يەيدىكەن، ھەمدە زىيارەت قوبۇل قىلغان بىر قىسىم قىزلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، پەقەتلا روھى كەيپىياتى ياخشى بولغان سەۋەب بىلەنلا ئۇلارنىڭ ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا %45 ئەرلەرنىڭ قارىشىچە، ئۆزلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ يېنىكلەپ كېتىش سەۋەبى بولسا ئادەتتە ساغلام بولغان يېمەكلىك مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن، يەنە %30 زىيارەت قىلىنغان ئوغۇللار بولسا ئۆزلىرىنىڭ قىزلارنىڭ بېسىمى تەسىرىدىن ئۇرۇقلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، پەقەت بەدەن ئېغىرلىقى ساغلام بولغان ئۆلچەمنىڭ ئىچىدە بولسىلا زىيادە ئەندىشە قىلىشنىڭ ھېچقانداق بىر ھاجىتى يوق ئىكەن، يەنى بىر قەدەر خۇشال بولغان مۇھەببەتلىشىش باسقۇچى بولسا بۇ جەھەتتە كۆپ رول ئوينايدىكەن.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق