باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئايرودرۇمدا چەتئەللىك ئايالنى سوقۇۋەتكەن ئالتە ياشلىق بالا كاچات يىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-08 09:19:34

6-فېۋرال، شىنلاڭ تورىدىكى بىر تورداش پۇدۇڭ ئايرودورۇمىدا بىر چەتئەللىكنىڭ ئالتە ياشلىق بىر جۇڭگولۇق ئۆسمۈرنى ئۇرغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. بۇ مېكرو بىلوگ ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دەرھال تورداشلارنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ ئىشتىن غەزەبلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. 7-فېۋرال، شىنمىن تورى مۇخبىرى ساقچى تەرەپتىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: ئايرودورۇم ج خ تارمىقى تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنى قەستەن ئۇرغان چەتئەللىك ئايالغا 10 كۈن مەمۇرى توختىتىپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن شۇنداقلا 500 يۈەن جەرىمانە قويغان.

ئۇ تورداش تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېگەن: ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى بولسا، ئۇ ئوغۇل بالا ئۇ چەتئەللىكنىڭ يۈك-تاق ئىتتىرىش ھارۋىسىغا سوقۇلۇپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن چەتئەللىك ئۇ بالىنى بىر كاچات سالغان. ئىشتىن كېيىن چەتئەللىك پۇل بەرمەكچى بولغان. توردا ئېلان قىلىنغان سۈرەتلەردىن مۇخبىر ئادەم ئۇرغان چەتئەللىكنىڭ روھى ھالىتىنىڭ ناچارلىقىنى، ئوغۇل بالىنىڭ يۈز قىسمىدا روشەن قىزىل ئىز بارلىقىنى كۆرگەن. بۇ خىل قىلمىشقا قارىتا نۇرغۇنلىغان تورداشلار غەزەپلەنگەنلىكىنى شۇنداقلا بۇ ئىككى چەتئەللىكنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بەزى تورداشلار بولسا ئادەم ئۇرغۇچىنىڭ قاتتىق جازالاشنى تەلەپ قىلغان.

7-فېۋرال، شاڭخەي شەھەرلىك جامائەت خەۋىپسىزلىكى ئىدارىسى خەلقئارا ئايرودرۇم شۆبە ئىدارىسى مېكرو بىلوگىدا مۇنداق دېيىلگەن: 6-فېۋرال سائەت 12 لەردە، ئالتە ياشلىق بىر ئوغۇل بالا پۇدۇڭ ئايرودورۇمى 1-نومۇرلۇق بىناسىنىڭ يۈك-تاق ئېلىش زالىدا يۈك-تاق ئىتتىرىش ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ ئويناۋىتىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يان تەرەپتە يۈك-تاق ئېلىشنى كۈتۈپ تۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر چەتئەللىك ئايالغا سوقۇۋەتكەن. ئۇ ئايال شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوغۇل بالىنى بىر كاچات سالغان. ئايرودورۇم ج خ شۆبە ئىدارىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنى قەستەن ئۇرغان ئۇ چەتئەللىك ئايالغا 10 كۈن مەمۇرى توختىتىپ تۇرۇش جازاسى بەرگەن شۇنداقلا 500 يۈەن جەرىمانە قويغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق