باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ياپونىيەدە قەغەز زاكىلارغا چاپلايدىغان سەزگۈر دېتال كەشىپ قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-02-12 12:46:17

 

 

توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېرىيال ئىلمىنىڭ پىروفېسسورى سومېيا تاكائو قاتارلىقلار بىر خىل سىمسىز، ئادەتتىن تاشقىرى نېپىز، سەزگۈر دېتالنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، ئۇنى بوۋاقلار ۋە چوڭلارنىڭ قەغەز زاكىسىغا چاپلاپ قويسا، زاكىنىڭ ھۆل بولغان-بولمىغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولىدىكەن.
   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئادەتتىكى قەغەز زاكىلارمۇ رەڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق زاكىنىڭ ھۆل بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، قارىغۇچى بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم بوۋاقنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ كىيىمىنى سالدۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بىراق، بۇ سەزگۈر دېتال چاپلانغان زاكا تاقاپ قويۇلغاندا، قارىغۇچى پەقەت بوۋاق ياكى چوڭلارغا يېقىن يەردە تۇرۇپلا ئېلېكتىرونلۇق سەزگۈر دېتال ئارقىلىق زاكىنىڭ ھۆل بولغان-بولمىغانلىقىنى بىلەلەيدىكەن، كىيىمنى سالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن.
   تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ئېيتىشىچە، نېپىز، پەيدەك يېنىك ھەم يۇمشاق بۇ سەزگۈر دېتال تېرىگە بىۋاسىتە تېگىشىپ تۇرسا قىلچە بىئاراملىق ھېس قىلدۇرماسلىق، كاللاكلىشىۋالسىمۇ، ئېگىلىپ كەتسىمۇ ئوخشاشلا ئىشلەتكىلى بولۇش، يەنە تەن تېمپىراتۇرىسى، قان بېسىمى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى نازارەت قىلىش ئىقتىدارلىرىغا ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ياشانغانلار سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان ياپونىيەدە بازار تېپىشى مۇمكىن ئىكەن، بۇ دېتالنىڭ توكنى كۆپ خورىتىشتەك يېتەرسىزلىكى ئوڭشالغاندىن كېيىن بازارغا سېلىنىدىكەن.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق