باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
سوغۇق چىقىرالايدىغان يازلىق مايكا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-03-27 17:58:23

 

 

ھازىر ئەتىياز پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ھاۋا بارغانسېرى قىزىپ كېتىۋاتقاچقا، ھاۋانىڭ ئىسىىپ كېتىشى بىلەن سىرتلارغا چىقىپ ھەركەت قىلىش بىر مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئەگەر سىز يازدا ئۆزىڭىزنى سالقىنراق تۇتاي دېسىڭىز، ئۇنداقتا IceTee ناملىق بۇ يازلىق مايكا سىزنىڭ كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ. بۇ خىل مايكا ھەم ئەرزان بولۇپ ھەم سوغۇق چىقىرالايدۇ. كىيىملەرنىڭ تېمپىراتۇرىسىنى تەڭشەش تېخنىكىسى نۆۋەتتە يوق ئەمەس بەلكى بار، لېكىن بۇ خىل تېخنىكىدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ ئېغىر تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەرنى يۈدۈپ يۈرۈشىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ خىل تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر ھەقىقەتەن بەك يۇقىرى تېخنىكا ھەم سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن IceTee مايكىسى بولسا يازدا سالىقلىق ئىزدىگۈچىلەر ئۈچۈن ئەرزان بولغان تاللاش بولالايدۇ. بۇ مايكىغا تەر سۈمۈرەلەيدىغان رەخت ماتىرىيالى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ئادەمنىڭ كۆپ تەرلەيدىغان ‹ مۇھىم يەرلىرى› گە بولسا يېلىملىق قاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ قاپ كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىن چىققان ئىسسىق ھارارەتنى سۈمۈرۈۋالالايدۇ. بۇ مايكىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى قولتۇق ئاستى، گەدەن شۇنداقلا ئۇمۇرتقا قاتارلىق جايلىرىغا توغرا كېلىدىغان قىسىملىرىغا دەل مۇشۇ خىل قاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىكەن.

 

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق