باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
دۇنيادىكى %97 ئەقلىيفون ۋىروسى Android دىن كېلىدىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-03-27 17:55:13

 

 

 

فىنلاندىيە كومپيۇتېر تورى بىخەتەرلىك مۇلازىمەت ئورنى F-Secure يېڭى ئېلان قىلغان «2013-يىلنىڭ ئاخىرقى يېرىم يىلىدىكى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرى» دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى Android دۇنياسىدىكى يامان نىيەتلىك ئەپلەرنىڭ سانى پۈتكۈل كۆچمە يامان نىيەتلىك ئەپلەر سانىنىڭ %97 تىنى ئىگىلەيدىكەن، ئەمما 2012-يىلدىكى بۇ نىسبەت %79 بولغان.
بۇ دوكلاتتا يەنە بۇلتۇر Android يامان نىيەتلىك ئەپلەر سانىنىڭ 2012-يىلدىكى 238 دىن 804 كە كۆپەيگەنلىكى دېيىلدى. Android ۋە Symbian دىن باشقا، F-Secure باشقا كۆچمە سىستېمىلاردا يېڭى تەھدىتلەرنى بايقىمىدى.
F-Secure بۇلتۇر كېيىنكى يېرىم يىلدا بايقىغان Android يامان نىيەتلىك ئەپلەر ئەڭ كۆپ بولغان ئالدىنقى ئون دۆلەت ئىچىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ھىندىستاندىكى يامان نىيەتلىك ئەپلەر ئومۇمى ساننىڭ %75 تىنى ئىگىلەيدىكەن، ئالدىنقىسى %42 ، ئىككىنچىسى بولسا %33. سېلىشتۇرغاندا ئامېرىكىدىكى بۇ نىسبەت %5 بولغان، بۇ دوكلات ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش ياۋروپا دۆلىتىنىڭ نىسبىتى جەمىئىي %15. دوكلاتتا يەنە ئۈچۈنچى ئەپ بازىرىدا Android يامان نىيەتلىك ئەپلەرنىڭ ئىنتايىن ئەۋجىگە چىققانلىقى دېيىلدى. جۇڭگولۇق ئابونىتلار كۆپ ئىشلىتىدىغان 安智، 木蚂蚁، 百度 ۋە 优亿 قاتارلىق تۆت چوڭ ئەپ بازىرىنىڭ تەكشۈرۈلگەن نەتىجىسىگە قارىغاندا، يامان نىيەتلىك ئەپلەرنىڭ نىسبىتى %10 دىن تۆۋەن ئىكەن.
پۈتكۈل ئەپ بازارلىرىنىڭ ئىچىدە، يامان نىيەتلىك ئەپلەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى Android159 بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە %33.3 ئەپ يامان نىيەتلىك ئەپ ئىكەن. بۇ نىسبەت ئەڭ ئاز بولغىنى بولسا Google Play بولۇپ پەقەت %0.1 ئىكەن.
F-Secure نىڭ قارىشىچە، بۇ بەلكىم Google Play نىڭ ۋاقتىدا يامان نىيەتلىك ئەپلەرنى ئۆچۈرۋەتكەنلىك سەۋەبىدىن بولسا كېرەك.
 
 
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق