باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
سەئۇدىدا بىر ئەر ئايالىغا ماشىنا ھەيدەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جەرىمانە تۆلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-21 17:56:22

 

 

 

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى فرانسىيە «پارىژ خەلق گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا بىر ئەر ئايالىغا ماشىنا ھەيدەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن جەرىمانە قويۇلغان. (مەزكۇر دۆلەتنىڭ قانۇنىدا ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشىگە يول قويۇلمايدۇ) سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەرنىڭ ئايالى بۇ يىل 23 ياشتا بولۇپ، ئۇلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىدىكىQatif رايونىدا ماشىنا ھەيداۋاتقاندا ساقچىلار تەرىپىدىن توسۇلۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىلىسى جەرىمانە تۆلىگەن. ئەر ئايالىغا ماشىنا ھەيدەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن 900 رىيال (تەخمىنەن 1493.78 يۈەن) تۆلىگەن، ئايالى بولسا كىنىشكىسىز ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش ئۇقتۇرۇشى تاپشۇرۇۋالغان. ساقچىلار يەنە ئەر-خوتۇن ئىككىيلەنگە ۋەدىنامە يازدۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇندىن كېيىن بۇنىڭغا ئوخشاش قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى قىلماسلىقىغا ۋەدە بەرگۈزگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ماشىنىسىنى يەتتە كۈن تۇتۇپ قالغان.

ئىگىلىنىشچە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا، ئاياللارنىڭ سىرتقا چىقىش، خىزمەت قىلىش، ھەتتا توي قىلىشىنىڭ ھەممىسى بىر نەپەر مۇھاپىزەتچىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك بولۇپ. 2011-يىلىدىن بۇيان، بىر قىسىم ئاياللار ماشىنا ھەيدەش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھەرخىل ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان، ھەتتا بەزى ئاياللار ئۆزىنىڭ ماشىنا ئىچىدە ئولتۇرۇپ رول تۇتۇپ تۇرغان ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىپ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا يوللىغان بولۇپ، ئۇلار رەسىم يوللىغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا قاماپ قويۇشقا ئۇچرىغان.(2011-يىلى بىر نەپەرManal Al-Charif ئىسىملىك ئايال بۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىپ ماشىنا ھەيدىگەنلىكى ئۈچۈن توققۇز كۈن قامالغان).



ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق