باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ھىندىستاندىكى ئەخلەت مەيدانىدا «ئالتۇن چايقاۋاتقان» كىشىلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-24 12:20:47

 

 

نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قارىشىچە«يەر شارى كۈنى» بولسا يەر شارىنىڭ تەبىئىي بايلىق مەنبەلىرىنى قوغداش ئاچقۇچى دەپ قارايدۇ. ئەنگلىيە « كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى سانىغا بىر گۇرۇپپا رەسىملەر بېسىلدى، بۇ رەسىملەردە ھىندىستاندىكى بىر كىچىك قىزچاقنىڭ ئەخلەت مەيدانىدا، يەنە ئىشلىتىشكە بولىدىغان تاشلىۋېتىلگەن نەرسىلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ساتقانلىقىدەك مەنزىرە كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، رەسىمدە ھىندىستاننىڭ Gauhati دېگەن يېرىدىكى ئەسكى-تۈسكى نەرسىلەرنى تەرگۈچى ياشلارنىڭ ئەخلەتلەر ئىچىدىن «ئالتۇن چايقاۋاتقان»لىقى كۆرسىتىلگەن، بۇ ئەخلەتلەرنىڭ ئازلىماقتا يوق بەلكى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى. مۇھىت قوغدىغۇچىلار بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەخلەتلەرنى قالايمىقان تاشلاش بىر ئادەتتىكىدەك ئىش ھېسابلىنىدىكەن. ياخشى نىيەتلىك يەنە بەزى مۇھىت قوغدىغۇچى تەشكىلاتلار « كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن» دەپ شۇئار توۋلاپ نامايىش قىلدى، كۆچەت تىكىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزدى.

ئەلۋەتتە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر مۇھىتنى قوغداش ئۈچۈن ئاز بولمىغان تىرىشچانلىقلارنى قىلىۋاتىدۇ. غەربىي ئافرىقىدىكى كامېرۇندىكى كىشلەر نامايىش قىلىپ زەھەرلىك سۇلياۋ ئىشلەپچىقىرىشقا قارشى تۇردى، ئۇگاندادىكى نۇرغۇن مەكتەپلەر تەشكىللىنىپ 50 مىڭدىن كۆپرەك كۆچەت تىكتى، ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلىدا يېشىل ۋە تىنچلىق تەشكىلاتى شام ياندۇرۇپ كان ئېچىش سەۋەبلىك ئورمانلىقلارنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىغا نارازىلىقنى بىلدۈردى، ئامېرىكىدىكى 60 مىڭ ئادەم تېكساس ئىشتاتىغا يىغىلىپ ھەر خىل تۈردە نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

 



ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق