باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بوۋاقلاردىمۇ ئىرقىي كەمسىتىش بار ئىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-24 17:37:40

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 15-ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەمدىلا 15 ئايلىق بولغان ئاق تەنلىك بوۋاقلارنىڭ دوست تاللىشىدا ئىرقىي كەمسىتىش بار ئىكەن.

يېقىندىكى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، ئىككى ئاق تەنلىك بوۋاققا ئويۇنچۇق تەقسىم قىلىپ بەرگەندە ، ئىككى بوۋاق بىر-بىرى بىلەن تېزدىن چىقىشپ ئويناپ كەتكەن. ئەمما بىر ئاق تەنلىق بوۋاق بىلەن بىر سېرىق تەنلىك، بىر قارا تەنلىك بوۋاققا ئويۇنچۇق تەقسىم قىلغاندا ، ئاق تەنلىق بوۋاق ئۆز ئالدىغا ئويناپ، باشقا ئىككى بوۋاق بىلەن كارى بولمىغان . بۇ تەتقىقات ئارقىلىق شۇنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكى، ئىرقىي كەمسىتىش پەقەت چوڭلارغىلا خاس ئەمەس .

ۋاشىڭگىتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورىنىڭ كۆرسىتىشىچە، بوۋاقلار ئۆزى بىلەن ئوخشاش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە توپنى جۈملىدىن ئۆزى بىلەن ئوخشاش مىللەتتىكىلەرنى ئاسان قوبۇل قىلىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق