باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بىر مىليون 500 مىڭ دانە شار قويۇپ بېرىشتىن كېلىپ چىققان پاجىئە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-27 20:26:16

 

 

مىليون دانە شار بىرلا ۋاقىتتا ئاسمانغا كۆتۈرۈلسە تولىمۇ چىرايلىق مەنزىرە شەكىللىنىدۇ، ئەمما گۈزەللىك ئۈچۈن بەزىدە ئاچچىق بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئامېرىكا «خوففىڭتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 24- ئاپرېلدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 1986- يىلى، ئامېرىكىنىڭ ئوھىئو شىتاتىدىكى شار بايرىمىدا، كلېۋېلاند شەھىرى ئىئانە پۇل توپلاش ئۈچۈن، بىرلا ۋاقىتتا بىر مىليون 500 مىڭ دانە شارنى قويۇپ بەرگەن، ئەينى چاغدا نەق مەيدان تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنگەن، ئەمما قىسقا مەزگىللىك گۈزەللىكتىن كېيىن نۇرغۇن پاجىئەلەر يۈز بەرگەن.

ئىگىلىنىشچە، پائالىيەتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، تۈر دىرېكتورى توم خولوۋاچ پائالىيەتكە بىر ئايغا يېقىن تەييارلىق قىلغان. ئۇلار پۈتۈن مەيداننى شارغا پۈركىۋەتمەكچى، ھەمدە سائەتلىك سۈرئىتى 90 كىلومېتىرلىق شامالغا تاقابىل تۇرىدىغان قىلماقچى بولغان. ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، بىر مىليون 500 مىڭ دانە شار بىرلا ۋاقىتتا ئاسمانغا قويۇپ بېرىلگەن، مەنزىرە ھەقىقەتەن چىرايلىق بولغان. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، بەش چوڭ كۆلدىن كەلگەن بىر كۈچلۈك شامال شارلارنى شەھەرنىڭ ئىچىگە ئۇچۇرىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن شارلار خۇددى تۆكۈلگەن رەڭگە ئوخشاش ئاسماننى قاپلاپ كەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشچە، ئەينى چاغدا شۇ ئەتراپتىكى كۆلدە بىر كېمە ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، قۇتقۇزۇش تىك ئۇچار ئايروپىلانى شارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئۇچالمىغاچقا، ھادىسىدە ئىككى ئادەم قازا قىلغان. تىك ئۇچار ئايروپىلاندىكى كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ خۇددى پىلانېتىلار ئايلىنىپ يۈرىدىغان تاشقى بوشلۇقتا تۇرغاندەك ھېس قىلىپ قالغان، ئايروپىلان ئاخىرى ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا، كۆل يۈزىدە ئادەم كۆرۈنمىگەن، چۈنكى كۆل يۈزىنى ئاللىبۇرۇن شار قاپلاپ كەتكەن. باشقا جايدىكى كىشىلەرمۇ شۇ سەۋەبلىك نۇرغۇن ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەلگەن.

ئەسلىدە ئىئانە توپلاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ھەيۋەتلىك مەيدان ئاخىرىدا ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، نۇرغۇن دەۋا ۋە نەچچە ھەپتىلىك تازىلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق