باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ياپونىيىدە ھورۇنلار كارۋىتى كەشىپ قىلىندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-27 20:49:14

 

 

 

ياپونىيە ئاخبارات تورى-en.rocketnews24.com نىڭ 4-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيىلىك بىر كىشى يېقىندا ئۇخلاش، تاماق يېيىش، تورغا چىقىش ۋە نەرسە-كېرەك ساقلاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىيالايدىغان ھورۇنلار كارۋىتىنى كەشىپ قىلغان بولۇپ، بۇ ھورۇنلار كارۋىتىدا قولنى سۇنسىلا يېتىدىغان كىچىككىنە پائالىيەت دائىرىسى ئىچىدە كىشىلەر ھاجەت قىلىشتىن باشقا ھەممە ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇپ كېتەلەيدىكەن.

ئىگەللىنىلىشىچە، بو خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ھورۇنلار كارۋىتىغا كومپىيوتېر ئۈستىلى سەپلەنگەن بولۇپ، كومپىيوتېر ئۈستىلىنىڭ نەرسە-كېرەك ساقلاش تارتمىلىرىغا ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكەر، كىتاب ژۇرنال، قەغەز قاتارلىق ھەر خىل بۇيۇملارنى تىقىپ ساقلىغىلى بولىدىكەن. بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ھورۇنلار كارۋىتىنىڭ يېنىغىلا يەنە كىر يۇيۇش ماشنىسى ۋە ئەخلەت تۇڭى قۇيۇلغان بولۇپ، كىشىلەر ئورنىدىن تۇرمايلا كىر يۇيۇش، ئەخلەت تۆكۈش قاتارلىق ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىپ كېتەلەيدىكەن. بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ھورۇنلار كارۋات قارىماققا دوختۇرخانىلاردىكى كېسەللەر كارۋىتىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، لېكىن كىشىلەر ئامراقلىق قىلىپ، بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ھورۇنلار كارۋاتنى ھورۇنلار كارۋىتى دەپ ئاتاشقانىكەن. نەزەرىيە جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىشىلەرنىڭ نەچچە ھەپتىگىچە بۇ خىل كارۋاتتىن چۈشمەيلا تۇرمۇش كەچۈرۈشى نورمال ئىشقا ئېشىۋېرىدىكەن.

گەرچە ھازىر نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ھورۇنلار كارۋىتىنى سېتىۋېلىپ راھەت سۈرۈشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر بۇ كارۋاتنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇنى ‹ گۇناھكار كىشىلەرنىڭ سوۋغىسى›، ‹ چەكلەنگەن كارۋات› قاتارلىق سېسىق ناملار بىلەن ئاتىغانىكەن. تېخىمۇ ئېشىپ كەتكەن يېرى شۇكى، بۇ خىل كۆپ ئىقتىدارلىق ھورۇنلار كارۋىتىنى سېتىۋالغان كىشىلەر ئۆزىنىڭ ‹پېشانىسى›گە ھورۇن ھەم سالامەتلىكىنى ئاسرىمايدىغان كىشى دېگەن ‹تامغا› نى بېسىۋالىدىغان بولۇپ، بۇ كارۋاتقا چىقىپ ئىشلىتىش خۇددى ‹ گۇناھنىڭ چوڭقۇر پاتقاقلىرىغا چۆكۈپ كەتكەنلىك بىلەن باراۋەر› سانىلىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە، ھەقىقەتەن ھورۇنلۇق تۇرمۇشىنى قوغلىشىپ ياشاش ياكى ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ياشاشنى تاللاش ھوقۇقى يەنىلا كەڭ ئېستىمالچىلارنىڭ ئۆز قولىدا ئەلۋەتتە.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق