باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
جۇڭگودا 370 مىليون ۋېلىسىپىت، 180 مىليون دانە توكسىكلىت بار ئىكەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-04-27 20:32:15

 

 

مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان 24-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ۋېلىسىپىت كۆرگەزمە يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، 2013-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو ۋېلىسىپىتىنىڭ جەمئىيەتتىكى سانى 370 مىليون دانىگە، توكسىكلىت سانى 181 مىليون دانىگە يېتىپ، جەمئىيەت قاتنىشى سەپەرگە چىقىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان.

جۇڭگو ۋېلىسىپىت جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى جۇڭگو ۋېلىسىپىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات سانى 82 مىليون 10 مىڭ دانىگە يېتىپ، ئوخشاش نىسبەتتە %0.9 تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەملەشكەن كارخانىنىڭ ۋېلىسىپىت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 60 مىليون 130 مىڭ دانىگە يەتكەن؛ توكسىكلىت ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 36 مىليون 950 مىڭ دانىگە يېتىپ، ئوخشاش نىسبەتتە %5.4 ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆلەملەشكەن كارخانىنىڭ ئومۇمىي ۋېلىسىپىت مەھسۇلات سانى 25 مىليون 287 مىڭ دانىگە يەتكەن.

جۇڭگو ۋېلىسىپىت جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش باشلىقى ما جۇڭچاۋنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2013-يىلى، جۇڭگو ۋېلىسىپىت ساھەسىنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يەنى كۆپ خىل، داڭلىق، ئالىي دەرىجىلىك بولۇش، ھەم تەدرىجىي ۋېلىسىپىت نوپۇسىنىڭ نىسبىتى، 1000 يۈەنىدىن يۇقىرى ۋېلىسىپىت نىسبىتى ئۆرلىگەن؛ توكسىكلىتنىڭ يېنىك بولۇشى، لىتىي باتارېيىسىنىڭ سەپلىنىشى، ئەقلى ئىقتىدارلىق بولۇشى، ھەم ئۈزلۈكسىز تۈردە لىتىيلىق باتارېيە سەپلەنگەن توكسىكلىتنىڭ بازارنى ئىگىلىشى، توكسىكلىتنىڭ ئېكسپورت نىسبىتى ئۆرلىگەن.

ما جۇڭچاۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، جۇڭگو بازارلىشىش قەدىمىنىڭ تىزلىشىغا ئەگىشىپ، توكسىكلىت ساھەسى ئۈزلۈكسىز تۈردە 10 يىلدىن كۆپ يۇقىرى سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان، بولۇپمۇ يېقىنقى نەچچە يىل ئىچىدە، يىللىق مەھسۇلات سېتىلىش مىقدارى 30 مىليون دانىدىن ئېشىپ كەتكەن، 2013-يىلغا كەلگەندە بولسا ئۈزلۈكسىز ئېشىپ 36 مىليون 950 دانىگە يەتكەن، مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن.

جۇڭگو ۋېلىسىپىت ساھەسى جەمئىيىتىنىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2010-يىلى دۆلىتىمىزدىكى لىتىيلىق باتارېيە سەپلەنگەن توكسىكلىتنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 250 مىڭ دانىگە يەتكەن، 2011-يىلى 700 مىڭغا يېقىن بولغان، 2012-يىلى ئېشىپ بىر مىليون 600 مىڭ دانىگە يەتكەن، 2013-يىلدا بولسا ئىككى مىليون 200مىڭ دانە كۆپىيىپ، ئىككى مىليون 311 مىڭ دانىگە يەتكەن.

جۇڭگو ۋېلىسىپىت جەمئىيىتى كىچىك تىپتىكى ماتورلۇق ۋېلىسىپىت كەسپى تېخنىكا كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لو جىنلۇڭنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىچكى سېتىلىش ۋە ئېكسپورت قىلىشتەك ئىككى چوڭ بازارنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، 2014-يىلى ماتورلۇق لىتىي باتارېيە ۋە لىتىي باتارېيە سەپلەنگەن توكسىكلىتنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلانغان، پەقەت سۇجۇ شىڭخېڭ لىتىيلىق باتارېيىنىڭ 1-پەسىلدىكى مال چىقىرىش سانى ئۆتكەن يىل ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %300 ئاشقان يەنىلا تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان. مۆلچەرلىنىشىچە كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، لىتىيلىق باتارېيە سەپلەنگەن توكسىكلىت كۆلىمى تۆت مىليون دانىگە يېتىپ، ئىككى چاقلىق توكسىكلىت بازىنى %10 ئەتراپىدا ئىگىلەيدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق