باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ھامىلدار ئايال قان ئېقىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا دوختۇرلارنى ئۈچ سائەت ساقلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-27 13:43:48

 

 

 

خەيكولۇق بىر ھامىلدار ئايال قان ئېقىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ئوپېراتسىيە ئۆيى ئالدىدا ساقلىغان. شۇ كۈنى كەچقۇرۇن، دوختۇرخانا تەرەپ بۇ ئىشقا قارىتا چۈشەندۈرۈش بېرىپ، بۇ بىمارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى خەتەرلىك ئوپېراتسىيە تۈرىگە كىرمەيدىغانلىقىنى، بۇ دوختۇرخانىدا پەقەت بىر نەپەر ناركوز قىلغۇچى بارلىقىنى، شۇ ۋاقىتتا بۇ خادىم باشقا بىر ئوپېراتسىيە ئۆيىدە ئوپېراتسىيەگە قاتنىشىۋاتقان بولغاچقا بۇ ئايالنى ناركوز قىلىشقا ۋاقتى يەتمىگەنلىكىنى، شۇڭا بىمارنىڭ بەك ئۇزۇن ساقلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان.

خەينەن تىببىي ئىنىستىتۇتى قارمىقىدىكى دوختۇرخانىنىڭ باياناتچىسى زېڭ فامىلىلىك بۇ ئىشقا قارىتا مۇنداق دېدى:«ئالدى بىلەن بۇ بىمارنىڭ بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى خەتەرلىك ئوپېراتسىيە تۈرىگە كىرمەيدىغان بولۇپ، بىمار ساقلاۋاتقان ۋاقتىدا تۇغۇت بۆلۈمىدىكى دوختۇر ناركوز قىلىدىغان دوختۇر بىلەن ئالاقىلىشىپ قويغان، گەرچە بىماردا تاتىرىپ كېتىش، قان بېسىمى تۆۋەنلەش، شۈك بولۇپ قېلىش قاتارلىق خەتەرلىك ئەھۋاللار كۆرۈلمىگەن بولغاچقا ئەھۋالى ئانچە خەتەرلىك ئەمەس، ئەگەر شۇ ۋاقىتتا يۇقىرىقىدەك خەتەرلىك ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا دوختۇرخانا چوقۇم جىددى تەدبىر قوللانغان بولاتتى...يەنە بىر تەرەپتىن بۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش كۈچى ئەسلىدىنلا يېتىشمەيۋاتقان بولغاچقا دوختۇرخانا تەكلىپ قىلغان ناركوز قىلغۇچى خادىم پەقەت بىرلا، بۇ خادىم ئامبىلاتورىيەنىڭ بارلىق ناركوز قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغاچقا شۇ كۈنى سەھەر سائەت سەككىزدىن باشلاپ ئەينەك سېلىپ تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە ئوپېراتسىيە قىلغان ئىدى. شۇڭا بۇ ئوپېراتسىيەنى تۈگىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن بۇ ئايالنىڭ بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە قاتناشقىلى كەلگەن...»

دوختۇرخانىنىڭ بۇ خىل چۈشەندۈرۈشىگە قارىتا بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە شۇ كۈنى نەق مەيداندا بار بولغان باشقا بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىردەك ئىنكاس قايتۇرۇپ بىماردىن قان بەك كۆپ ئېقىپ كەتكەن بولغاچقا ئاللىقاچان ھوشسىزلىنىپ ياتقانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ دوختۇرخانىنىڭ داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ ئادەم قۇتقۇزمىغانلىقىنى ئېيتقان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق