باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
پاكىستانلىق ئەر توي تەكلىپىنى رەت قىلغان 18 ياشلىق قىزنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۋەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-30 18:09:32

 

 

 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان پەنجاپ ئۆلكىلىك ساقچى تەرەپ 29-ئىيۇن، مەزكۇر ئۆلكىدىكى بىر 18 ياشلىق قىزنىڭ ئۇنىڭغا توي تەكلىپى قويغان 22 ياشلىق ئەر تەرىپىدىن بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى سەۋەپنىڭ، بۇ ئەرنىڭ توي تەكلىپىنىڭ قىزنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

شۇ يەردىكى ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ ئەر قىزنىڭ ئۆيدە يالغۇز قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ قاتىللىق قىلغان. ساقچى تەرەپ قىزنى يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن، تىببىي خادىملار ئۇنى دەرھال شەھەر رايۇنىدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكەش كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن، لېكىن بۇ قىز دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن. زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قىزنىڭ ئاتىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋەقە يۈز بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، بۇ ئەر ئۇلارنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن دەپ تەھدىت سالغان ئىكەن. نۆۋەتتە ساقچىلار بۇ ئەرنى قولغا ئالغان.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق