باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئامېرىكىدا بىر ئايال كوچىدا يەڭگىپ قويغىلى تاس قالدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-25 16:18:28

 

ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بۇ ھەپتە دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشى ئۈچۈن كالىفورنىيە شتاتىغا بارغان. 23-ئىيۇل، لوس ئانژېلىس ساقچى تەرەپ زۇڭتۇڭ ماشىنا ئەترىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يوللارنى قامال قىلغان، دەل مۇشۇ چاغدا، تۇغۇتى يېقىنلىشىپ قالغان بىر ھامىلىدار ئايال قارشى تەرەپتىكى دوختۇرخانىغا كىرمەكچى بولغاندا ساقچىلار ئۇنىڭ يولدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىغان، ئۇ ئامالسىزلىقتىن ئاممىۋى ئاپتوبۇس بېكىتىدە 30 مىنۇت ساقلىغان.

لوس ئانژېلىس ساقچى تەرەپ مۇشۇنداق ئىشنىڭ بولغانلىقىنى، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ بۇ ئايالنىڭ تۇغۇت ۋاقتىنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن مۇشۇنداق ئىشنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ۋە ئۇ ئايالنىڭ زۇڭتۇڭ ماشىنا ئەترىتى ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا كېرىپ ئوڭۇشلۇق يەڭگىگەنلىكىنى، كوچىدا تۇغۇپ قويمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

گەرچە ساقچى تەرەپ چۈشەنچە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان ئامېرىكىلىق تورداش ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا ئوباما ۋە دېموكراتلار پارتىيىسىنى تەنقىدلىگەن. بەزىلەر بۇ ئىش پۈتۈنلەي ساقچىلارنىڭ كاللىسىنىڭ قاتماللىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان دەپ ئەيىبلىگەن.

ئوباما قاتناشقان بۇ قېتىمقى مەبلەغ توپلاش پائالىيىتىنىڭ كىرىش بېلىتى 1000 دوللار بولۇپ، يەنە 10000 دوللار تاپشۇرسا داڭلىق ئەربابلار بىلەن رەسىمگە چۈشەلەيدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق