باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارمۇ پارنىك گازى قويۇپ بېرىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-25 16:27:31

 

 

 

Juniper Research شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى زەرەتلەش جەريانى دۇنيادىكى پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىدىغان يەنە بىر چوڭ مەنبەلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان. دوكلاتتا دىيىلىشىچە، ھازىر پۈتۈن دۇنيادىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى بىر يىل زەرەتلىگەندە قويۇپ بېرىدىغان پارنىك گازىنىڭ مىقدارى ئالتە مىليون 400 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، 2019-يىلىغا بارغاندا بۇ سان كۆپىيىپ 13 مىليون توننىغا يېتىدىكەن، 13مىليون توننا پارنىك گازى بولسا بىر مىليون 100مىڭ دانە ماشىنىنىڭ بىر يىلدا قويۇپ بېرىدىغان پارنىك گازىغا باراۋەر ئىكەن.

Juniper Research شىركىتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھازىر قويۇپ بېرىلىۋاتقان %50 كە يېقىن پارنىك گازى ئاساسلىقى كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئاسىياغا جايلاشقان ئىكەن.

گەرچە Juniper Research شىركىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنىڭ بىر يىلدا قويۇپ بېرىدىغان پارنىك گازىنى 13مىليون توننا دەپ مۆلچەرلىگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ياساش شىركەتلىرىنىڭ دىيىشىچە، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئىلغار بولغان مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى باتارىيىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق، قويۇپ بېرىلىدىغان پارنىك گازىنىڭ مىقدارىنى ئازلاتقىلى بولىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش شىركەتلىرىمۇ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەنى ئىشلىتىش ئارقىلىق قويۇپ بېرىلىدىغان پارنىك گازىنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلالايدىكەن، يۇمشاق دېتال شىركەتلىرىمۇ تېخىمۇ تۆۋەن سەرپىياتلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش ئارقىلىق پارنىك گازىنى تىزگىنلەش جەھەتتە يەنە بىر كىشىلىك تۆھپە قوشالايدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق