باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ۋۇلىياڭيې ھاراقچىلىق گۇرۇھى ئىشلىگەن يانفون ئاشكارىلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-14 09:56:22

 

 

ئۆتكەندە جۇڭگودىكى داڭلىق چولپانلاردىن سۈي جىيەن، فۇرۇڭ، ۋاڭ فېڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يانفون ماركىسى ئەنگە ئالدۇرۇپ ئۆز يانفونىنى ئىشلەپ بازارغا سالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان بولسا، يېقىندا داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى-ۋاڭ زىجىيەننىڭمۇ يانفون ئىشلىگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغانىدى. داڭلىق چولپانلارنىڭ ئۆز ئالدىغا يانفون ئىشلەپ بازارغا سېلىش دولقۇنىنىڭ قوزغىلىشى بىر مەھەل كىشىلەرگە يانفون ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سېلىش شەرت-شارائىتلىرىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىدەك تەسىرنى بەرگەنىدى. بۈگۈن ئاشكارىلانغان بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋۇلىياڭيې ھاراقچىلىق گۇرۇھىمۇ ئۆز ئالدىغا يانفون مەھسۇلاتى ئىشلىگەن.

بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان يانفوننىڭ رەسىملىرىگە ئەستايىدىل قارىغاندا، i700R تىپلىق بۇ يانفوننىڭ ھەقىقەتەن ۋۇلىياڭيې ھاراقچىلىق گۇرۇھىنىڭ يانفونى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ، يانفوننىڭ بەلگىسىگە ھەقىقەتەن ۋۇلىياڭيې ھاراقچىلىق گۇرۇھىنىڭ ماركا بەلگىسى ئىشلىتىلگەن.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق يېڭىدىن ئاشكارىلانغان بۇ ۋۇلىياڭيې يانفونىنىڭ رەسىملىرىنى يىبىڭ ۋۇلىياڭيې ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ داڭلىق ماركا سېتىش بۆلۈم دېرىكتورى- لىيۇ يۈنىڭ ئېلان قىلغانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغان بولۇپ، بۇ يانفون 7-ئايدىلا سىرتقا قارىتا ئاشكارىلانغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق