باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
بىۋاستە تارقىتىش جەريانىدا يەر تەۋرەپ رىياسەتچىنى قاتتىق قورقۇتىۋەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-21 20:13:26
 
 
                                                       
 
شۇ يەر ۋاقتى 19-چىسلا، ئامېرىكىلىق ئىككى نەپەر ئايال رىياسەتچى ئەتىگەن سائەت 7:41 دە كۆرستىلىدىغان پروگراممىغا رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىز يەر تەۋرەپ كەتكەن، بۇ ۋاقىتتا ئىككى رىياسەتچى قورقۇپ كەتكەن. دەل شۇ پەيتتە بۇ كۆرۈنۈشنى تېلېكامىرا سۈرەتكە تارتىۋالغان.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى Oklahoma City ئىشتاتىنىڭ Guthrie دېگەن يېرىدە 4.2 بال يەر تەۋرىگەن. ئەينى ۋاقىتتا بىۋاستە تارقىتىشقا قاتناشقان ئىككى رىياسەتچى Wright بىلەن  Sutton ساغلاملىق يېمەكلىكلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، تۇيۇقسىز سىنغا ئېلىش ئۆيى تەۋرەپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى رىياسەتچى قورقۇپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالغان.Sutton  تاماشىبىنلارغا مۇنداق دېدى: «مەن ئىنتايىن جىددىيلىشىپ كەتتىم، شۇ سەۋەبتىن زېھنىمنى يىغالماي قالدىم.» ئۇ ئۆزىنىڭ يەر تەۋرەشكە بولغان ئىنكاسىنى پەقەتلا كونترول قىلالمىغان، ھەتتا قالدۇق يەر تەۋرىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ سەكرەپ كەتكەن.
بۇ يىل 3-ئايدا، كالفورنىيە ئىشتاتىنىڭ جەنۇبىدا 4.4 بال يەر تەۋرىدى، ئەينى ۋاقىتتا خەۋەرلەرنى بىۋاستە تارقىتىشقا قاتناشقان رىياسەتچى، يەر تەۋرىگەنلىكىنى بىلىپلا دەرھال ئۈستەلنىڭ ئاستىغا كىرىۋالغان. 
 
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق