باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
تۇغما كەمتۈكلۈك كېسىلى بار ئىراقلىق قىز يېڭى رۇخسارغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-21 19:38:39

 

 

 

ئىراقلىق قىز خافاز تۇغما "يېرىم يۈزى كەمتۈكلۈك" كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئوڭ يۈزىنىڭ يېتىلىشى كەمتۈك بولۇپ قالغان، يېقىندا ئۇ ئامېرىكىغا بېرىپ ئوپراتسىيە قىلىپ يېڭى رۇخسارغا ئېرىشىش پۇرستىگە ئىگە بولغان، ئەگەر ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولسا ئۇ گۈزەل رۇخسارغا ئىگە بولىدۇ، تۇرمۇشى نورمال بولۇپ، چىرايىدا يېڭىدىن كۈلۈمسىرەش پەيدا بولىدۇ. خافازنىڭ بۇ خىل ئاز كۆرۈلىدىغان تۇغما كەمتۈكلۈك كېسىلى ئۇنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ يېتىلىشىنىڭ كەمتۈك بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇڭا ئۇنىڭ ئاغزى سەل قىڭغىر، قۇلىقى ساڭگىلاپ قالغان، پىشانىسى ئىچىگە ئويمانراق كەلگەن.

سەككىز يىل ئىلگىرى، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكىلىق سېستىرا خافازنىڭ ئەھۋالىنى نىيويوركتىكى ھۆسىن تۈزەش دوختۇرى روموغا ئېيتقان، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا خافازنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن، يېشى ھۆسىن تۈزەش يېشىغا يەتكەندە ئوپراتسىيە قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خافاز ئۇزۇن يىل جاپالىق كۈتۈش ئارقىلىق بۇ يىل خەير-ساخاۋەت ئورگىنى "بالا چىراي فوندى" ھەمدە رومونىڭ ياردىمى ئاستىدا، ئامېرىكىغا بېرىپ ھەقسىز ھۆسىن تۈزىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان. تۆت دوختۇردىن تۈزۈلگەن داۋالاش گۇرۇپپىسى ئۇنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە مەسئۇل بولىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پاچىقىدىن يۇمشاق توقۇلما ھەم سۆڭەك ئېلىپ، ھۆسىن تۈزەيدىكەن.
خافاز ھازىر ئىنتايىن ھاياجانلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇ خۇشاللىقىدا، مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن باشقا نورمال قىزلاردەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغان بولدۇم، بازار ئايلىنالايدىغان، مەكتەپكە بارالايدىغان بولدۇم، ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولسا مەنمۇ ئىشەنچكە تولغان گۈزەل قىز بولىمەن، بۇرۇنقىدەك چىرايىمنى يوشۇرۇپ يۈرۈشۈمنىڭ ھاجىتى يوق دېگەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق