باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە لايىق قىممىتى بار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-25 19:07:45

 

 

 

بىر نامرات كىشى كىچىكىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستىنى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ دوستى ئاشۇ يۇرتتىكى بايلارنىڭ بىرى ئىكەن. باي دوستىنىڭ ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بوپتۇ ۋە ئۇنى ياخشى مېھمان قىپتۇ، ئۈچىسىدىكى كىيىم-كېچەكلىرىدىن تارتىپ ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ. بىر كۈنى ئۇلار كىچىكىدىكى ئىشلارنى ئەسلىشىپ شاراب ئىچىشپتۇ. نامرات شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ ئۇخلاپ قاپتۇ. ئەتىگەندە باينىڭ جىددىي ئىشى چىقىپ باشقا يۇرتقا بارىدىغان بولۇپ قاپتۇ ۋە دوستىنى ئويغىتىشنى ئەپسىز كۆرۈپ، ئۇنى يەنە ئۆيىدە نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ ئاندىن يولغا سېلىپ قويۇشنى خىزمەتچىلىرىگە تاپىلاپ، دوستىنىڭ يانچۇقىغا بىر نەچچە تال مەرۋايىت سېلىپ قويۇپتۇ ھەم ئۇنىڭ مەرۋايىتنى سېتىپ، تۇرمۇشنى ياخشىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىپتۇ.

نامرات كىشى ئويغىنىپ، دوستىنىڭ باشقا يۇرتقا كەتكەنلىكىنى ئۇقۇپتۇ ۋە ئۆيىگە قايتىپ كېتىپتۇ. ئىككى دوست ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتكەندە يەنە ئۇچرىشىپ قاپتۇ. باي دوستىنىڭ تۇرمۇشىدا قىلچىلىكمۇ ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ:

-دوستۇم، ھالىڭ يەنە خارابقۇ؟ سېنى مەرۋايىتنى سېتىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋالارمىكىن، دەپ ئويلىغانىدىم،-دوپتۇ.

نامرات باينىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ھەيران قاپتۇ ۋە چاپىنىنىڭ يانچۇقىنى ئاختۇرۇپ، راستىنلا قىممەت باھالىق مەرۋايىت بارلىقىنى بىلىپتۇ. نامرات ناھايىتى تەسىرلىنىپتۇ ھەم مەرۋايىتنى قايتۇرۇپ بېرىپ:

-رەھمەت دوستۇم، سېنىڭدەك دوستۇمنىڭ بولغانلىقى ئەڭ زور بايلىقىم، سېنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ھال-مۇڭ بولۇپ ئولتۇرالىساملا خۇشال بولىمەن،-دەپتۇ.

شۇنداق، تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. كىشلەر ئارىسىدا تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن كىشىلىك مېھىر-مۇھەببەت ئاجىزلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ھېكايىدە سۆزلەنگەندەك باشقىلارنىڭ ئېرىشكىنىگە ھەسەت قىلمايدىغان، ساپ دىل، سەمىمىي كىشلەر يەنىلا ئاز ئەمەس. مانا مۇشۇ ساپ دىلم سەمىمىي كىشلەرنىڭ ئۆزى بىباھا گۆھەردۇر، ئۇلار نەگىلا بارمىسۇن، نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللانمىسۇن، ئەشۇ ئېسىل پەزىلىتى بىلەن ئەتراپىدىكى كىشلەرنى ئىللىقلىققا ئېرىشتۈرىدۇ. تۇرمۇشىمىزدىكى بۇ بىباھا گۆھەرلەر دائىم چاقناپ تۇرسۇن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق