باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
جۇڭگولۇق يانفون ھايانكەشلىرى iPhone 6 سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۈندە ئالما دۇكىنى ئالدىدا سوقۇشتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-23 18:50:59

 

 

 

شۇ يەردىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ كوننېكتىكات شىتاتى New Haven شەھىرىگە ئېچىلغان ئالما مەھسۇلاتلىرىنى مەخسۇس سېتىش دۇكىنى- Apple Store ئالدىدا ئالما شىركىتىنىڭ يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان iPhone 6/6 Plus يانفونلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن، جۇڭگودىن كەلگەن ياكى ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىر ھايانكەشلەر دۇكان ئالدىدا قاتتىق سوقۇشۇپ كەتكەن. ئېيتىلىشىچە، ئوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇق بۇ قېتىمقى سوقۇشۇشقا قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا ساقچى تەرەپ بۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە ئادەمنى قولغا ئالغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىرەيلەننىڭ ئېڭىكى ئېغىر يارىلانغانلىقتىن دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولۇپ، قالغانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۈز كۆزلىرى كۆكىرىپ ئىششىپ كەتكەن.

شۇ يەردىكى ساقچى تەرەپ باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا، شۇ كۈنى بۇ يەردىكى Apple Store دۇكىنى 1000 يۈەن باھا بىلەن قۇلۇپسىز نۇسخىدىكى iPhone 6/6 Plus يانفونىنى سېتىشنى باشلىغان بولۇپ، جۇڭگولۇق يانفون ھايانكەشلىرى بۇ خىل يانفوننى سېتىۋالغاندىن كېيىن جۇڭگوغا ئاپىرىپ 3000 دىن 4000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولغان يۇقىرى باھادا قولدىن چىقىرالايدىكەن، بۇ خىل يانفونلارنىڭ پايدىسى %300 تىن ئېشىپ كېتىدىغان بولغاچقا، شۇ كۈنى نۇرغۇنلىغان جۇڭگولۇق يانفون ھايانكەشلىرى دۇكان ئالدىغا كېلىپ يانفون سېتىۋالماقچى بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالما شىركىتىنىڭ iPhone 6/6 Plus يانفونلىرى ئۆتكەن ھەپتە سېتىلىشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ساقچى تەرەپ ئاللىقاچان نۇرغۇن قېتىم مەزكۇر Apple Store دۇكىنىنىڭ دېلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان بولۇپ، دېلو مەلۇماتىدا جۇڭگولۇق يانفون ھايانكەشلىرىنىڭ دۇكان ئىچى ۋە سىرتىدا ئىش تېرىۋاتقانلىقى ئەرز قىلىنغانىدى.

ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم Apple Store دۇكىنى ئالدىدا سوقۇشۇپ كەتكەن يانفون ھايانكەشلىرى بولسا ئىككى گۇرۇھ بولۇپ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى نىيۇيوركتىن كەلگەن جۇڭگولۇقلار ئىكەن، ئۇلار ھەر كۈنى بۇ Apple Store دۇكىنى ئالدىغا كېلىۋېلىپ، بۇ دۇكاندىن ئالما شىركىتى رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە ئەڭ كۆپ iPhone 6/6 Plus يانفونى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغانىكەن. لېكىن ئالما دۇكىنىدا سېتىلىدىغان زاپاس iPhone 6/6 Plus يانفونلىرىنىڭ مىقدارى چەكلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئىككى گۇرۇھ يانفون ھايانكەشلىرى ھەر كۈنى ئۆچىرەتتە تۇرۇش ئىشى توغرۇلۇق جېدەللىشىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بۇ جېدەل ئاخىرى بۈگۈنكىدەك زوراۋانلىق ۋەقەسىگە ئايلانغانىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق