باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
خانىش دىئاننىڭ كىيىمى 100 مىڭ دوللار يۇقىرى باھادا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلماقچى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-23 19:03:11

 

 

 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكىدىكى بىر كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش ئورنى ئەنگىلىيەنىڭ ئالامدىن ئۆتكەن خانىشى دىئاننانىڭ ھايات ۋاقتىدا كىيگەن تۆت يۈرۈش كىيىمىنى بېۋىرلىيدا كىم ئارتۇق قىلىپ ساتقان.

ئىگەللىنىشىچە، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ يۈرۈش كىيىمنى ئەنگىلىيەلىك لاھىيەلىگۈچى كەسرىن فوك لاھىيەلىگەن. ئۇ خانىش دىئاننا ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ياقتۇرىدىغان لاھىيەلىگۈچى، ئوخشاشلا دىئاننانىڭ ئەڭ يېقىن دوستى. مۆلچەردە بۇ ئۈچ يۈرۈش كىيىم 60 مىڭدىن 80 مىڭ دوللار باھادا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن.

بۇندىن سىرت يەنە بىر يۈرۈش كىيىمنى ساندرا رود لاھىيەلىگەن بولۇپ، مۆلچەردە 80 مىڭدىن 100 مىڭ دوللار ئارىسىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن. ئىگەللىنىشىچە، بۇ تۆت يۈرۈش كىيىم ۋە دىئاننا خانىشنىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك بۇيۇملىرى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ۋە 6-كۈنى ئامېرىكىنىڭ بېۋىرلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان جۇلىئان كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلىدىكەن.

دىئاننا 1981-يىلى ئەنگىلىيە ۋەلئەھدىسى چارىس شاھزادە بىلەن توي قىلغان ھەمدە ۋەلىس خانىشى بولغان. 1996-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چارىس شاھزادە بىلەن ئاجراشقانلىقىنى جاكارلىغان. 1996-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى چارىس شاھزادە بىلەن ئاجىرىشىش كېلىمىشى ھاسىل قىلغان، ئىككى تەرەپ ئاجىرىشىشقا قوشۇلغان. 1997-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى دىئاننا خانىش فرانسىيەنىڭ پارىژدا بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە 36 يېشىدا قازا قىلغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق