باش بەت>>غەلىتە ئىشلار
تاقىۋالغىلى بولىدىغان سۈنئىي بۆرەك كېلىنكىلىق تەجرىبە باسقۇچىغا كىردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مەھلىيا ئىبراھىم | يوللانغان ۋاقىت:2014-09-23 19:11:04

 

 

 

2009ـ يىلى ئامېرىكا لوس ئانژىلىستىكى سىنا تىببىي داۋالاش مەركىزىدىكى-Victor Gura بىلەن كالىفورنىيە ئۇنۋېرسىتىتى لوس ئانژىلىس تارماق مەكتىپىدىكى David Geffen ئىككىسى ھەمكارلىشىپ رىياسەتچىلىك قىلغان تەتقىقات گۇرۇپپىسى تاقاپ يۈرگىلى بولىدىغان سۈنئىي بۆرەك (WAK) ئۇقۇم مەھسۇلاتىنى ئاشكارىلىغانىدى. نۆۋەتتە بۇ خىل تاقاپ يۈرگىلى بولىدىغان سۈنئىي بۆرەك ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش ئىدارىسى (FDAنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بۇ خىل سۈنئىي بۆرەك بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ كېلىنكىلىق تەجرىبە قىلىش باسقۇچىغا كىرىدىكەن.

WAK ناملىق بۇ خىل تاقاپ يۈرگىلى بولىدىغان سۈنئىي بۆرەك بولسا مىكرو تىپلىق دېئالىزلىغۇچقا ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، بىمارلار ئادەتتە بۇ خىل سۈنئىي بۆرەك قۇرۇلمىسىنى بەل قىسمىغا تاقاپ، ئاندىن بۇ قۇرۇلمىدىكى نۇرغۇنلىغان نەيچىلەر ئارقىلىق بۆرەكنى دىئالىزلاپ ( تازىلاپ دېگەن مەنىدە› چىقالايدىكەن.

ئەگەر WAK ناملىق بۇ خىل تاقاپ يۈرگىلى بولىدىغان سۈنئىي بۆرەك قۇرۇلمىسى ئەڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ بۆرەك كېسەللىكلىرى بىمارلىرى ئۈچۈن كاتتا خۇش خەۋەر بولۇپ قالىدىغان بولۇپ، چۈنكى ھازىرقى بۆرەك كېسەل بىمارلىرى ئادەتتە ھەپتىسىگە ئۈچ قېتىمدىن، ھەر قېتىمدا 3-4 سائەتكىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۆرىكىنى دىئالىزلىتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ خىل ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكى بۆرەك دىئالىزلاش ئۇسۇلىدا، دىئالىزلاش ماشىنىسى چوقۇم توك مەنبەسىگە چېتىلغان ھالەتتە تۇرۇشى شۇنداقلا يەنە كۆپ مىقداردا سۇ سەرپ قىلىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، بىمارلارنىڭ چوقۇم مەخسۇس ئورۇندۇقتا نەچچە سائەتلەپ ئاغرىققا بەرداشلىق بېرىپ ئولتۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق