باش بەت>>ساغلاملىق
ئەخلەت ۋە ساغلاملىق
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-01 08:34:41

ئالاھىدە ئەخلەتنىڭ ئىنسانلار ساغلاملىقىغا بولغان زىيىنى ئادەتتىكى ئەخلەتتىن نەچچە يۈز ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، مۇھىت ۋە ئېكولوگىيە تەڭپۇڭلۇقىغا ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىمۇ زور. ئالاھىدە ئەخلەت دېگىنىمىز زىيانلىق خۇسۇسىيىتى ئېغىر بولغان تۈرلۈك تاشلاندۇق، كېرەكسىز ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. يۇقۇملاندۇرىدىغان ئەخلەتلەر: بۇنداق ئەخلەتلەر تېببىي داۋالاش ئورۇنلىرى، دوختۇرخانىلار، مىكرو ئورگانىزم تەجرىبىخانىلىرى، يۇقۇملۇق كېسەللەرنى داۋالاش ۋە جەسەتلەرنى ئاناتومىيەلىك تەكشۈرۈش ئورۇنلىرى تاشلىۋەتكەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، ئوكۇل يىڭنىسى، يۇقۇملانغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈك قالدۇقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تۈردىكى ئەخلەتلەر ھەمىشە باكتېرىيە، ۋىرۇس، پارازىت قۇرت ۋە باشقا كېسەل قوزغاتقۇچى مىكرو ئورگانىزملارنى بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ، ناۋادا ئادەم ياكى باشقا جانلىقلار ئۇلار بىلەن ئۇچراشسا، يۇقۇملىنىدۇ ۋە ساغلاملىقى زىيانغا ئۇچرايدۇ.

2.رادىيوئاكتىپلىق ئەخلەتلەر: بۇنداق ئەخلەتلەر رادىيوئاكتىپلىق زەھەرلىك ماددىلارنى ھاسىل قىلىدىغان بۇلغىغۇچى ماددىلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ كېلىش مەنبەسى تەركىبىدە ئۇران بولغان رۇدىلاردىن ئۇراننى ئايرىۋېلىش جەريانىدا ھاسىل بولىدىغان قالدۇق داشقاللار، ئۇران پىششىقلاش زاۋۇتلىرى، يادرو يېقىلغۇ دېتاللىرى زاۋۇتلىرى تاشلىۋەتكەن نەرسىلەر ۋە رادىيوئاكتىپلىق داشقاللارنى قويۇلدۇرۇش، قاتۇرۇش ئارقىلىق ھاسىل بولغان قاتتىق ھالەتتىكى تاشلاندۇقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلار توختىماي چىقىرىدىغان ئىيونلىشىش رادىياتسىيەسى ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ساقايماس كېسەللەرنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا، بۇنداق ئەخلەتلەرنى ۋاقتىدا كۆمۈپ ياكى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىۋېتىش لازىم.

3. زەھەرلىك ئەخلەتلەر: بۇنداق ئەخلەتلەر ئاساسلىقى زاۋۇت، تەجرىبىخانا، داۋالاش ئورۇنلىرى تەرىپىدىن چىقىرىۋېتىلگەن، تەركىبىدە سىيانىدلار، ئورگانىك دېھقانچىلىق دورىلىرى، ئارسېندلار ھەم سىماب، كادمىي، خىروم، قوغۇشۇن قاتارلىقلار بولغان تاشلاندۇقلارنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ زەھەرلەش خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، تەركىبىدىكى خىمىيەلىك بىرىكمىلەر راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار ھېسابلىنىدۇ.

4.پارتلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە ئەخلەتلەر: بۇنداق ئەخلەتلەر ئاساسلىقى مۇئەييەن تېمپېراتۇرا شارائىتىدا، مۇئەييەن بېسىم كۈچىنىڭ تەسىرىدە تۇرۇپ – تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن رېياكسىيەلىشىپ پارتلاپ، كىشىلەرنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكى، ياشاش مۇھىتىغا ئېغىر زىيان كەلتۈرىدىغان قاتتىق ياكى سۇيۇق ھالەتتىكى پارتلاتقۇچ دورا تاشلاندۇقلىرى، تاشلىنىپ قالغان ئوق – دورا، يەللىك ئۈسكۈنىلەر، كۆپۈدىغان بۇيۇملار، چىرىتكۈچ ماددا قالدۇقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

5.چىرىتىدىغان، كۆيدۈرىدىغان ئەخلەتلەر: بۇنداق ئەخلاتلەر ئادەم ياكى باشقا جانلىقلار ئۇچراشقان ھامان، ئۇلارنى دەرھال ئېغىر زەخىملەندۈرىدىغان خىمىيەلىك تاشلاندۇق ماددا، سۇلفات كىسلاتا تاشلاندۇقلىرى، نىترات كىسلاتا تاشلاندۇقلىرى ۋە باشقا كىسلاتا ئېچىتقۇلىرى، زەمبۇرۇغ مىكروب قالدۇقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

6 .ئاسان يانىدىغان تۇترۇق ئەخلەتلەر: بۇنداق ئەخلەتلەر تەبىئىي شارائىتتا ئۆزلۈكىدىن ئاسان ئوت ئالىدىغان، كۆيۈشكە تېز ياردەم بېرىدىغان ۋە ئۆزلۈكىدىن كۆيۈدىغان تۈرلۈك تاشلاندۇقلار، يەنى ماي، رۇدا داشقىلى، بوياق، سۇۋالغۇ، سىر، قەغەز يەشىك، ئوت – چۆپ قاتارلىقلارنىڭ تاشلاندۇقلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

بۇنداق ئالاھىدە ئەخلەتلەرنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىغانلىقتىن، كۆپىنچە يوشۇرۇن ھالەتتە ياكى سەل قارىلىدىغان ھالەتتە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەن ساغلاملىقىغا، ھاياتىغا، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە، مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان زىيانلىرى ئېغىر. شۇڭا، بۇ خىلدىكى ئەخلەتلەرنى يوقىتىشتا، ھەممە تەڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇپ، ئالاھىدە ئەخلەتلەرنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، تېز، مۇۋاپىق، جايىدا بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق