باش بەت>>ساغلاملىق
سالامەتلىك ئەھۋالىڭىزدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-27 13:25:35

1.ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا تەرلىگەندە ، چوقۇم تەرلەشنىڭ سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىش كېرەك ، چۈنكى ئادەپ بەدىنى قىززىغان ئەھۋالدىلا بەدىنىدىن تەر چىقىدۇ.
2.ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ، داۋاملىق ئېغىزى پۇراش ئاشقازان كىسىلىدىن دېرەك بېرىدۇ .
3.چىشنى چوتكىلىغاندا داۋاملىق چىش مىلىكىدىن قان چىقىش ، چىش مىلىكىنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
4.چىشنى چوتكىلىغاندا داۋاملىق كۆڭلى ئېلىشىپ تاندۇرۇش ، ئاشقازاننىڭ ساغلام ئەمەسلىكىدىن ، داۋاملىق بۇنداق بولىۋەرگەندە ،ئاستا خاراكتىرلىك ئاشقازان ياللۇغى بولۇشى ئېھتىماللىقى بار.
5.پەلەمپەيگە چىققاندا يۈرەكنىڭ سېلىشى تېزلىشىپ ، دېمى سىقىلىپ بىئارام بولۇش ، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، بۇنداقتا چوقۇم دەل ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈش لازىم .
6.ئۇنتۇلغاق بولۇش ، بىر ئىشلار ئاسان ئىسىدە قالماسلىق ، قان تومۇر قېتىشىشنىڭ ئالامىتى ھىساپلىنىدۇ .
7.توختىماستىن ئەسنەش ھەرگىزمۇ ئۇيقۇ كەلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، شۇڭا بۇنىڭ سەۋەبىنى چوقۇم تېپىش كېرەك.
8.داۋاملىق ئۇسساپ تۇرۇشنىڭ ئخۆزى بىر نورمالسىزلىق بولۇپ ، بۇنداق بولغاندا دىئابىت كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن.
9.بوينى ياكى مۆرىسى ئاغرىش بويۇن ياكى ئىچكى كىسەللىك ئالامىتىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
10.كېرىلگەن چاغدا بېلىنىڭ ئاغرىشى ، ئولتۇرۇش قىياپىتىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
11. بېشىنى يۇغاندا ياكى يۇيۇنغاندا چېچىنىڭ ئاسان چۈشىشى چاچقا ئوزۇقلۇقنىڭ يىتىشمىگەنلىكىنى ياكى ئىچكى ھورمونلارنىڭ قالايمىقان بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
12.تېرىدا سەۋەپسىزلا قىزىرىش ئەھۋالى كۆرۈلسە دىققەت قىلىش كېرەك ، بۇنداق بولغاندا جىگەر راكىغا گىرىپتار بۇلۇش ئېھتىماللىقى بار .
13.ئۇخلىغاندا داۋاملىق خورەك تارتىش  بۇرۇن ياكىك نەپەس يوللىرىدا مەسىلە بارلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
14. ئۇخلىغاندا داۋاملىق قارا بېسىش يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
15.ياستۇق پاكا بولسا ئۇخلىيالماسلىق يۈرەكنىڭ ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئپادىلەيدۇ.
16.ئۇخلاۋاتقاندا پۇتنىڭ پېيى تارتىش سەۋەبىدىن ئويغۇنۇپ كىتىش ، تومۇرنىڭ قاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
17.تىرناق ئالغاندا تىرنىقىنىڭ سۇنۇپ كىتىشى قان ئازلىقنىڭ ياكى ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
18.ئەدەتتە تىرناقنىڭ رەڭگە سۈزۈك بولىدۇ ، ئەگەر تىرناق ئاقىرىپ كەتسە بۆرەك كىسىلىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق