باش بەت>>ساغلاملىق
ئالما ۋە قەنت-گېزەك يېيىشتىكى پەرزلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-27 13:19:54

 

ئالما يېگەندە چوقۇم ئۇزاق ھەم يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھەزىم قىلىشقا پايدىلىق بولغاندىن باشقا، ئەڭ مۇھىمى ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق. ئالمىدا كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە كىسلاتالىق ماددىلار بولىدۇ، شۇڭا پەقەت ئۇزاق ھەم يۇمشاق چايناپ ئاستا يۇتقاندىلا ئاندىن بۇ ماددىلارنى تولۇق سۈمۈرۈپ پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئۆسۈملۈكشۇناسلارنىڭ تەتقىقاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بىر تال ئالمىنى 15 مىنۇت يېگەندە، ئالمىدىكى ئورگانىك كىسلاتالار بىلەن ئالما كىسلاتاسى ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ %90 ىنى ئۆلتۈرەلەيدىكەن.

قەنت – گېزەك يېيىش ئالما يېيىشنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا بىر خىل سۈت كىسلاتا تاياقچە باكتېرىيەسى بولۇپ، قەنتلەرنى ئېچىتىپ كىسلاتا ھاسىل قىلىدۇ. قەنتلەرنىڭ ئېغىزدا تۇرۇش ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا، ھاسىل بولىدىغان سۈت كىسلاتاسى شۇنچە كۆپ بولۇپ، چىش ئۈچۈن شۇنچە پايدىسىز. شۇڭا قەنت – گېزەكلەرنى تېزرەك يېيىش كېرەككەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق