باش بەت>>ساغلاملىق
ئوتتۇرا ياش ، ياشانغانلاردا دائىم كۆرىلىدىغان كېسەللىك سەۋەبلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-05-27 15:00:54

1. بەدەندە كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىچكى ئامىللار

نورمال ئەھۋالدا ئادەم بەدىنى ساغلام ھالەتتە بولۇشى ، ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرۇشى ، سىرتقى دۇنيادىن كېلىدىغان كېسەللىك ئامىللىرىغا تاقابىل تۇرالايدىغان بولۇشى كېرەك .

ئادەملەر بەدەن ساپاسى ، روھىي ھالىتى ، تۇرمۇش مۇھىتى ، ئوزۇقلىنىش ۋە چېنىقىشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى سەۋەبىدىن پەرقلىق بولۇپ تۇرىدۇ .

ئاتا - ئانىنىڭ ئېرسىيەت شارائىتى بىلەن ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى ئۆزئارا  زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇڭا ئېرسىيەت شارائىتىغا قاراپ ئادەم بەدىنىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ .

ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى ئىچكى ئەزالارنىڭ فونكىسىيىسىگە تەسىر كۆرسىتىش بىلەن بىرگە سالامەتلىككىمۇ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ . تۇرمۇش ئادىتى سوزۇلما خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرگە دۇچار قىلىدىغان تۆت چوڭ كېسەللىك ئامىلى ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئامىل ھېسابلىنىدۇ .

ناچار يىمەك - ئىچمەك ئادىتى ۋە ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولماسلىقى ياكى مۇۋاپىق بولماسلىقى ئوخشاشلا تەن سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .
 


2. بەدەندە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان تاشقى مۇھىت ئامىللىرى 

1).كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان بىئولوگىيىلىك ئامىللار ، كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان مىكرو جانلىقلار ، مەسىلەن :باكتىرىيە ، ۋىرۇس ، زەمبۇرغ ، قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت ،  پارازىت قۇرتلار بەدەنگە كىرىۋالسىمۇ ، ئادەم بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا قىلىدۇ .

2). فىزىكا -خېمىيىلىك ئامىللار ، تۇرمۇشتىكى شاۋقۇن-سۈرەن ، نۇر ، ئىسسىقلىق ، توك ، ھاۋا قاتارلىقلار گەرچە ، تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ ،بىراق ئادەم بەدىنىدە ئوخشاشلا كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللار ھېسابلىنىدۇ .

3).دېھقانچىلىق دورىلىرى ، خېمىيۋى ئۇغۇت قاتارلىق خېمىيۋى ماددىلار ، سانائەتتىن چىقىرىۋىتىلگەن «ئۈچ كېرەكسىز»قاتارلىق ماددىلارمۇ كېسەللىك پەيدا قىلىپ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق