باش بەت>>ساغلاملىق
بالىلار كۈندە ئېھتىياجلىق بولىدىغان ياغ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-28 10:05:38

ياغ بالىلار ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇھىم مەنبەسى. ئەگەر يېمەكلىك تەركىبىدە ياغ كەمچىل بولسا، بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىق، ئېغىرلىقى ئاشماسلىق، تېرىسى قۇرغاق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئاسان يۇقۇملىنىدۇ ۋە ۋىتامىن كەملىك كېسلىگە گىرىپتار بولىدۇ. ئەگەر يېمەكلىكتە ياغ كۆپ بولۇپ كەتسە، بالىلاردا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپ بولۇش، ئاسان سەمرىپ كېتىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. نورمال بوۋاق كۈندە ھەر كىلوگرام ئېغىرلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن تۆت گىرام ياغقا، ئالتە ياشتىن ئاشقان بالىلار ئۈچ گىرام ياغقا موھتاج، ياغ تەمىنلىگەن ئىسسىقلىق مىقدارى ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنىڭ %50-%30 ىنى ئىگىلەيدۇ. سېمىز گۆش، كالا، قوي سۈتى، قايماق، بېلىق مېيى ۋە ئۆسۈملۈك يېغى تەركىبىدە ياغ مىقدارى ئەڭ كۆپ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق