باش بەت>>ساغلاملىق
پېيىڭىز تارتىشىپ قالغاندا...
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2014-07-28 16:13:17

پەي تارتىشىش بەدەندە كالتىسي كەملىك، سوغۇق ھاۋانىڭ تەسىرى، ئېغىر ھەرىكەت قىلىش ۋە جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىقىدۇ، پەي تارتىشىپ قالغاندا تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى قوللانسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ:

1. ئۇۋۇلاش. ئۇۋۇلاش پەي تارتىشىپ قېلىشنى داۋالايدىغان ئاددىي ۋە ئۇسۇل بولۇپ، قول ئالقىنىنى بىر-بىرىگە سۈركەپ ئالقان قىزىغاندىن كېيىن تارتىشىپ قالغان جاينى ئۇۋۇلىسا ئەسلىگە كېلىدۇ.

2. مۇسكۇلنى سوزۇش. تارتىشىپ قالغان مۇسكۇلنى نورمال ھالەتكە كەلگىچە ئاستا سوزۇپ ۋە ئۇۋۇلاپ بەرسىمۇ ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ.

3. ئىسىىق ئۆتكۈزۈش. لۈڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ تارتىشىپ قالغان جايغا قويۇپ، لۆڭگىنىڭ ئۈستىدىن ئۇۋۇلاپ بەرسە مۇسكۇللار ئەسلىگە كىلىدۇ.

4. دورا سۈرۈش. ئېغىر ھەرىكەت قىلىپ پەي تارتىشىپ قالغاندا مەخسۇس ئىشلىتىدىغان دورىلارنى سۈرۈپ ياخشى ئارام ئالسىمۇ ساقىيىپ كېتىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق