باش بەت>>ساغلاملىق
ئاياللار سۇ ئۈزۈشتە دىققەت قىلىدىغان تۆت نۇقتا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-21 13:50:28

 

 

ئاياللار سۇ ئۈزگەندە، چوقۇم شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلىشى لازىم، ناۋادا شەخسى تازىلىققا دىققەت قىلمىسا، سۇ ئۈزۈش كۆلىدىكى باكتېرىيەلەر ناھايىتى ئاسانلا بەدەنگە كىرىپ كېتىدۇ - دە، ئاياللار كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ قىرغىقىدا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشقا بولمايدۇ.

ئاياللار سۇ ئۈزۈش جەريانىدا ئارام ئالماقچى بولسا، سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەنلا سۇ ئۈزۈش كۆلىنىڭ قىرغىقىدىكى يەردە ياكى ئورۇندۇقتا خالىغانچە ئولتۇرۇپ ئارام ئالىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا ئاياللار كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى كۆلچەك قىرغىقىدىكى يەردە كىشىلەر دائىم يالاڭئاياغ ھالەتتە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، پۇتتىكى زەمبۇرۇغلار يەرگە چاپلىشىپ قالىدۇ، شۇڭا يەردە ياكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاندا، ئاسانلا زەمبۇرۇغلۇق جىنسى يول ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. ئاممىۋى ئورۇندۇقتا بىۋاسىتە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ.

ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدىكى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە قۇيۇلغان ئەسلىھەلەر بىر قەدەر ئاددىي بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئورۇندۇق، تەرەت قاچىسى، كىيىم ساقلاش ئىشكاپى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئوپچە ئىشلىتىلىدۇ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىنى باشقۇرغۇچىلار گەرچە قەرەللىك ھالدا تازىلاپ تۇرسىمۇ، ئۇلاردا باكتېرىيە قالدۇقى يوق دېيىشكە بولمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىم ئالماشتۇرغان چاغدا ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە، چوقۇم ئورۇندۇققا پاكىز لۆڭگە سېلىپ ئاندىن ئولتۇرۇش لازىم.

3. ھەيز مەزگىلىنىڭ ئالدى ۋە كەينىدىكى تۆت كۈن ئىچىدە سۇ ئۈزۈشكە بولمايدۇ.

ھەيز مەزگىلى ۋە ئۇنىڭ ئالدى - كەينىدىكى تۆت كۈندە ئاياللار بەدىنىنىڭ قارشىلىق كۈچى تۆۋەنلىگەچكە، باكتېرىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ناھايىتى ئاسانلا ئۇچرايدۇ. شۇنداقلا، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدىكى سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئادەمنىڭ بەدەن تېمپىراتۇرسىدىن تۆۋەن بولغاچقا، سوغۇق سۇ قان تومۇرلارنىڭ تارىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق تارايغان قان تومۇرلاردىن ھەيزنىڭ ئېقىپ چىقىشى راۋان بولمايدۇ ھەم ھەيز مىقدارىمۇ ئاز بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ئاياللار كېسەللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

4. ئاياللار ئاياللار كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا، بولۇپمۇ كېسەلنى داۋالىتىۋاتقان مەزگىلىدە سۇ ئۈزۈشكە قەتئىي بولمايدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، سۇدىكى باكتېرىيەلەرنىڭ يۇقۇملاندۇرىشىغا ئاسانلا ئۇچراپ، كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق