باش بەت>>ساغلاملىق
تۇغۇتتىن قورقۇش خەتەرلىك
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇغيرۇچە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-25 18:38:11
 

 

ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر 500 نەچچە مىڭ ھامىلدار ئايالنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى: ‹‹ ئەگەر ئاياللاردا تۇغۇتتىن قورقۇش ھېسياتى پەيدا بولسا، تۇغۇتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدىكەن. بولۇپمۇ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇش، بالدۇر تۇغۇپ قويۇپ، يەنە تۇغما كەمتۈك بالا تۇغۇپ قويۇشمۇ ئاياللارنى بۇ خىل تەھدىتكە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدىكەن ›. 

 مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: ‹‹ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۇغۇت ھەقىقىي بىر كۈچلۈك جىسمانىي ۋە روھىي جەڭ. ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، %50-%80 كىچە ئايال تۇغۇتتىن كېيىن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، دائىم تەشۋىشلىنىپ، ئىچى تىتىلداپ يىغلاپ يۈرىدىكەن. تەتقىقات نەتىجىسى ئاياللاردا تۇغۇتتىن قورقۇش تۇيغۇسى پەيدا بولسا، خامۇشلۇق كېسىلى تارىخى يوق ئاياللارنىڭمۇ تۇغۇتتىن كېيىن خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئۈچ ھەسسە ئاشىدىغانلىقى دەلىللىدى، بۇ بايقاش بۇ خىل كېسەلگە دىياگنوز قويۇشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق