باش بەت>>ساغلاملىق
يەر شارى كېلىماتى نېمىشقا ئىللىپ كەتتى؟
مەنبەسى: |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 11:31:54

ئالىملار يېقىندىن بۇيان ،بۇراننىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكىنىنى يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك،دەپ قاراۋاتىدۇ.يېل ئونىۋېرسىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېيىشتى:«يەر شارىدا مۇنداق ئەھۋال يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن؛دەسلەپتە يۈز بەرگەن كىلىماتتىكى سەل-پەل ئۆرلەش بۇراننىڭ كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان،ئاخىرىدا بۇراننىڭ كۈچىيىشى كىلماتنىڭ سىجىل ئۆرلىشىگە تۈرىتكە بولغان بۇلۇشى مۇمكىن.چۈنكى بۇراننىڭ كۈچىيشى دېڭىز-ئوكيان ھەركىتىنى كۈچەيتىپ،دېڭىز-ئوكيان يۈزدىكى ئىسسىق ھاۋا ئېقىمىنى دېڭىز-ئوكياننىڭ چۇڭقۇر يېرىگە يەتكۈزگەن».
مۇتەخەسسىسلەر تېخىمۇ ئىلگىرلەپ مۇنداق دېيىشتى:«بۇ خىل ئەھۋال تىنچ ئوكياننىڭ مەركىزىدە كۆرۈلگەن چاغدا ،تىنچ ئوكياننىڭ ئىنكاسى بۇ خىل ئىسسىقلىقنى شەرىققە يەتكۈزۈش بولىدۇ،بۇ ۋېرىننو ھادىسىسى كۆرۈلگەن چاغدىكى ئەھۋالغا ئوخشايدۇ.ۋېرىننو ھادىسىسى ماھىيەتتە يەر شارى كىلىماتىنىڭ ئىللىپ كېتىشىگە سەۋەب بولمايدۇ،دېڭىز-ئوكيان تېمپېراتۇرىسىنىڭ سىجىل ئۆرلىشىگىمۇ تۈرىتكە بولمايدۇ،پەقەت دېڭىز-ئوكيان تېمپېراتۇرسىنىڭ قايتا گۇرۇپلىنىشغا سەۋەب بولىدۇ.بىراق ئۇ مۇھىتنىڭ دەۋىرلىكىگە ئىگە ئىنكاسنى پەيدا قىلىدۇ.تىروپىك بەلباغ رايونى كىلىماتىدىكى ئىللىش ھاۋا تەركىبىدىكى سۇ مىقدارىنىڭ كۆپىيىشىنى تېزلىتىدۇ،بۇنداق سۇدىن پەيدا بولغان پارنىك ئېففكېتىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك شۇڭا كۈچلۈك بۇران ئاخىردا پۈتكۈل يەر شارى كىلىماتنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،تېخىمۇ كۈچلۈك بۇراننىڭ پەيدا بولۇشنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ تۈرىتكىسىدە تېخىمۇ كۆپ سۇ پارنى پەيدا قىلىدۇ،مانا مۇشۇنداق دەۋرىلىنىش زادىلا توختاپ قالمايدۇ،بۇ خىل دەۋرىيلىك يەر شارىدا كۆرۈلگەن يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ پەيدا بولۇش سىرىنى كۆز ئالدىمىزدا نامايەن قىلىدۇ».

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق