باش بەت>>ساغلاملىق
رەڭ ۋە چوڭ مېڭە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 11:01:20

گېرمانىيەلىك پىسخىلوگ،پىروفېسسور پروم يېقىندا مۇنداق دېدى:«رەڭ نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدىغان نەرسە،رەڭ چوڭ مېڭىنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايۇنلىرىغا يەتكەندە،نېرۋا سىستېمىسىدا ئوخشاس بولمىغان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.قىزىل رەڭ كىشىگە قان ياكى ئوتنى ئەسلىتىدۇ،شۇڭا كۆپ ھاللاردا چۆچۆتۈش سىگنالى ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.يۇرۇق،ئىللىق ۋە كىشىنى جانلاندۇرىدىغان سېرىق رەڭ قوزغىتىش ۋە كېڭەيتىشنىڭ بەلگىسى قىلنىدۇ.سۆسۆن رەڭ بىلەن كۆك رەڭنى ماسلاشتۇرۇلۇشى تىنچلىق،كىشىگە يۇمشاقلىق ۋە ئىچكى مىجەزلىكتەك تۇيغۇ بېرىدۇ.يېشىل رەڭ بارلىق رەڭلەر ئىچىدىكى ئەڭ مۆتىدىل ،ئەڭ تىنچ رەڭدۇر.

پىسخكىلىق ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋالنى چىقىش قىلغاندا،رەڭنىڭ مۇھىملىقى نۇر تالالىرىدەك مۇھىم ،رەڭ قانچە يىنىك ۋە چاققان بولسا،ئادەمنىڭ رۇھىي كەيپىياتىمۇ ئازادە ۋە ئاكتىپ بولۇپ قالىدۇ.بۇ نېمىشقا كىشلەرنىڭ قۇياش نۇرى يېتەرلىك بولمىغان قىش پەسىلىدە بىر خىل ئۈمۈدسىزلىككە پېتىپ،رۇھىنى كۆتۈرەلمەيدىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى .قۇياش نۇرى يېتەرلىك جايلاردا ساياھەت قىلش ۋە زاللاردىكى كۈچلۈك چىراغ نۇرى ئادەمدە قىش پەسىلىدە پەيدا بولدىغان چۈشكۈن رۇچى ھالەتنى يۇقىتىدۇ.ئەقلىي ئەمگەك قىلىدىغان ئادەم ئەڭ ياخشىسى ئۆينى قىزغۇچ سېرىق رەڭدە ئاقارتىقىنى تۈزۈك،چۈنكى بۇ خىل رەڭ ئادەمنىڭ رۇھىنى كۆتۆرۈپ ،رۇھى كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ.كۆك رەڭلىك ئۆيلەردە بولسا بەدەندە ئاسانلا قىيسىيىپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلدۇ،شۇڭا چوڭ مېڭە بارغانسېرى ئىشلىمەيدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق