باش بەت>>ساغلاملىق
ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى باشقا پىلانېتا ئادەملىرى ياراتقانمۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 11:42:07

يېقىندا بىر نەچچە ئالىم ھىندىستاننىڭ مەركەز ئىشتاتىدىكى ئادەم ئايغى ئاز تەگكەن بىر ئورمانلىقىتىن بىر مەخپى ئۆڭكۈرنى تاپتى،ئۇلار ئۆڭكۈرگە كىرگەندىن كېيىن كۆرگەنلىرىگە ئشەنمەيلا قالدى،چۈنكى ئۆڭكۈر تاملىرىغا قەدىمكى ئىنسانلار سىزغان رەسىم ۋە بەلگىلەرنىڭ ئارىسىدا ئالەم كىيىمى كىيگەن بىر نەچچە جانلىق بىلەن بىر غەلىتە ئۇچقۇ بار ئىدى.ئالىملار مۇنداق دېيىشتى:«بۇ ئالەم كىيمىنىڭ بۈگۈنكى ئالەم كىيمىدىن پەرىقلىنىدىغان ھېچقانداق يېرى يوق،نامەلۇم ئۇچقۇنىڭمۇ چوققىسىدا يۇملاق بىر نەرسە بولۇپ،بۈگۈنكى بىز تاسادىپىي كۆرۈپ قالغان UFOغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن.بۇ ئۇچقۇ بىلەن ئالەم ئۇچقۇسىنىڭ ئارىسىدا بۇرمىسىمان بىر جانلىق بار،قارىغاندا بۇ مۇشۇ ئۆڭكۈردە ياشايدىغان گېگانىت قۇرت بولسا كېرەك».

ئالىملار مۇنداق دېيىشتى:«بۇنداق تام رەسىملىرى ھىندىستاندا ئىلگىرى بايقىلىپ باقمىغان،بەلكىم بۇ ئىنسانىيەتنىڭ تۇلىمۇ ئۇزاق زامانلاردىلا باش پېلانىتا ئادەملىرى بىلەن ئۇچىرىشىپ باققانلىقىنىڭ دەلىلى بولسا كېرەك.بۇ رەسىم قىسمەن ئالىملار قەتئىي چىڭ تۇرۇۋاتقان نەزەرىيەنى دەلىللەپ بېرەلەيدىغاندەك تۇرىدۇ،بۇ نەزەرىيەدە مۇنداق دېيىلدۇ:«ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى زاماندىكى بۈيۈك مەدەنىيتى باشقا پېلانېتا ئادەملەرىنىڭ ياردىمىدە يارتىلغان.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق