باش بەت>>ساغلاملىق
چاچ چۈشۈش كېسەللىكمۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 11:58:39

 

چاچ كۆپلەپ چۈشۈپ كەتسە،تاشقى قىياپەتكە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزىدىغان بولغانلىقتىن،نۇرغۇن كىشى چېچىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.ئادەتتە قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ بېشىدا تەخمىنەن 100مىڭ ئەتراپىدا تۈك خالتىسى بار بولۇپ،ھەربىر تۈك خالتىسى قەرەللىك ھالدا تۈك ئۆستۈرۈپ تۇرىدۇ.ھەربىر چاچ مۇقىم ھالدا ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ئۆسىدۇ.ئاندىن ئۆسۈشتىن توختاپ،ئۈچ،تۆت ئايدىن كېيىن چۈشۈپ كېتىدۇ.تۈك خالتىسى ئۈچ ئايدىن كېيىن يەنە چاچ ئۆستۈرىدۇ. شۇڭا كۈنلىكى 50تىن 100تالغىچە چاچ چۈشۈپ كەتسىمۇ نۇرمال بولىدۇ.شۇڭا چۈشۈپ كەتكەن چاچنىڭ سانى كۆپ بولماي مۇشۇ سان ئەتراپىدا بولسا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.ئەگەر چاچ چۈشۈش بەك كۆپ بولۇپ كەتسە ياكى بەك ئۇزاق داۋاملاشسا،بۇ كېسەللىكتىن دېرەك بېرىدۇ.كۆپلەپ چاچ چۈشۈش ئاساسلىقى،رۇھى كەيپىياتنىڭ ناچارلىشىىشى،ئۇزۇقلۇق ماددىلارنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ۋىتامىنلارنىڭ كەملەپ كېتىشى سەۋەبىدىن بولىدۇ.

شۇڭا چاچ كۆپلەپ چۈشۈپ كەتسە،ۋاقتىدا رۇھى كەيپىيارنى تەڭشەپ،خۇشال-خۇرام يۈرۈش،قايغۇرماسلىق ھەمدە يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەپ تۇرۇش،كۆكتات،مېۋە-چېۋە قاتارلىق ۋىتامىن كۆپ يېمەكلىكلەرنى ۋە پۇرچاق،تۇغۇم،گۆش قاتارلىق تەركىبىدە ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ ئىستېمال قلىپ بېرىش كېرەك.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق