باش بەت>>ساغلاملىق
ئاددىي رېتسىپلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 11:27:09

1. غارىقوننى كۈندە بىر قېتىم،ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە،يۈرەك ،ئۆپكە ،پەيلەرنى ۋە دىماقنى،چىشنىڭ تۈۋىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.جىگەر،بۆرەكلەرنڭ تۇسالغۇلىرىنى ئېچىپ،بەلغەم،يەل،سەۋدا،سەپرانى ھەيدەيدۇ.ئىششىق ياندۇرىدۇ.سۈيدۈك،ھەيىزنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ،قان تۇختىتىدۇ.كۆكرەك ئاغرىقى،زىققا،نەپەس يولى كېسەللىكلىرىگە،بەلغەم خاراكتىرلىك ھۆتەلگەپەيدا قىلىدۇ.بۆرەكتىكى تاشنى ئىزىپ چىقىرىدۇ.بەل،بۆرەك،ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ،تولغاقنى توختىتىدۇ.

2. قاپاق(پىشمىغان پىشمىغان قاپاق) نى ھۆل مېۋىلەر بىلەن قوشۇپ يېسىمۇ ياكى تاماق ئورنىدا يېسىمۇ بولىدۇ.كۈنىگە بىر قېتىم مۇۋاپىق مىقداردا يېسە ئاشقازان ،جىگەر،يۈرەك،مېڭە ئىسسىقلىقىنى پەسەيتىدۇ.دىيابېت كېسلىنى داۋالايدۇ.قان پەيدا قىلىدۇ.مېڭە ،دىماق ،باش،چىش ،گال،كۆكرەك ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىدۇ.مېڭە قۇرۇلۇش،نېرۋا ئاجىزلىقىنى ياخشىلايدۇ.ئۈچەي،بۆرەكنى تازلايدۇ.يۆتەل توختىتىدۇ.ئىچىنى يۇمشىتىدۇ،ئۈچەيدىن كېلىدىغان قاننى توختىتىپ،بۇۋاسىرنى داۋالايدۇ.ئىشتىھاسىزلىق ،ئۇيقۇسىزلىقىنى ياخشلاپ،زەھەرنى قايتۇرۇش،ئۆتكۈر بەزگەك كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدۇ.تۇسالغۇلارنى ئېچىشقا ئىشلىتىلىدۇ.

3. قانىسە(توخۇ تاشلىقى سېرىقى ) نى سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم،ھەر قېتىمدا بىر گىرامدىن قايناق سۇ بىلەن ئېچىپ بەرسە،جىگەر ئاجىزلىق ،كاناي ياللۇغىنى ياخشىلايدۇ،قان تۇلۇقلايدۇ.ئاشقازان ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.تاماق سىڭمەسلىك،كېكىرىك كەلمەسلىك،كۆڭۈل ئېلىشىش،ئىچى سۈرۈش،قۇسۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.كۆزگە ئاق چۈشكەندىكى سۇلارنى تارقىتىدۇ،كەيپىياتنى كۆتۈرىدۇ.چىش مىلىكى قاناشنى توختىتىدۇ.

4. قىرغاۋۇل گۆشىنى پىشۇرۇپ مۇۋاپىق مىقداردا يېسە،مېڭىنى ئىچكى ئەزالارنى،بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ،قان تۇلۇقلايدۇ،ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ،ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.كۆزگە چۈشكەن ئاقنى ۋە سۇنى يوقتىدۇ،جاراھەتلەرنى ساقايتىدۇ.چاچنى قارايتىدۇ.

5. قىزىلمۇچنى كۈنىگە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا ئىككى گىرامدىن تاماققا ئارلاشتۇرۇپ يەپ بەرسە مۇپاسىل ئاغرىقى،نېرۋا ئاغرىقى،بەل-پۇتنى ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.تەرلىتىش،مەددە،قۇرىت چۈشۈرۈش،ئىشتىھانى ئېچىش قاتارلىقلاردا،سوغوق مىجەزنى تەڭشەشتە ھەمدە يەل ھەيدەش،بەلغەم بۇشىتىش،ھەزىمگە ياردەم بېرىش،ھاشارەتلەرنى ئۆلتۈرۈش،ئۈششىگەن جايلارنى داۋالاش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق