باش بەت>>ساغلاملىق
ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا رېتسېپلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 11:42:04

★قۇشقاچ كاۋپىغا يالپۇز تالقىنى قوشۇپ يېسە،ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

★يۇمغاقسۈتنى شېكەر بىلەن قوشۇپ يېسە،ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.

★سۇقۇلغان قىچا تالقىنىغا ئىككى چېنە سۇ قۇيۇپ،يېرىمى قالغىچە قاينىتىپ،قېلىن رەختتىن ئۆتكۈزۈپ ئىچىپ بەرسە،ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قلىدۇ.

★ئۇزۇن يىلپىل بىلەن زەنجىۋىلنى ئېزىپ قاينىتىپ ئىچسە،ئاشقازاننىڭ سوغوقتىن بولغان ئاغىرىقىنى توختىتىدۇ.

★يالپۇزدا چۆچۆرە ئېتىپ ئىچىپ بەرسە،ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.

★كۈندە بىر قېتىم پولۇ يېسە،نەچچە كۈندىن كېيىن ئاشقازان ئاغرىقى ياخشىلىنىدۇ.

★يالپۇز بىلەن ئاق لالە بىلەن مەجۈن ياساپ،ناشتىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە،ئاشقازان ئاغرىقىغا داۋا بولىدۇ.

★ھەركۈنلۈك تاماققا يۈمغاقسۈت قوشۇپ يېسە،ئاشقازاننىڭ سەپرادىن ئاغرىشىغا داۋا بولىدۇ.

★سامساقنى قاينىتىپ ئىچسە،ئاشقازان كۆپۈشنى داۋالايدۇ.

★قاپاق ئۇرۇقنى يەپ بەرسە،ئىسسىقتىن بولغان ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

★يالپۇزنى تالقانلاپ،نانغا سېلىپ يېسە،زەھەرنى تازلاپ ئاشقازاننى ساپلاشتۇرىدۇ.

★زەنجىۋىل بىلەن ئارپىبەدىياننى باراۋەر مىقداردا قاينىتىپ سۈينى ئىچىپ بەرسە ،ئاشقازاندىكى سوغوق يەلنى ھەيدەپ ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ،كۆزنى رۇشەن قىلىدۇ.

★تۇرۇپنى سۈتتە ئۈچ نۆۋەت پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە،ئاشقازان قايناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.

★جىگدىنى باراۋەر مىقداردىكى ناۋاتقا قوشۇپ يەپ بەرسە،ئاشقازان ئاجىزلىقتىن بولغان تاماق ھەزىم بولماي ئاغرىشقا داۋا بولىدۇ.

★بېلىق كاۋپىنى بىر قانچە ھەپتە ئىستېمال قىلىپ بەرسە،ئاشقازان ئاغرىقىنى كۆرۈنەرلىك داۋالايدۇ.

★كىرپە گۆشىگە زىرە،زەنجىۋىل تالقىنى سېپىپ،تۇنۇردا پىشۇرۇپ يېسە،ئاشقازان ئاغرىقىنى ساقايتىدۇ.

★قۇرۇتۇلغان ئاق يىلان تالقىنىنى تاماقتىن كېيىن بىر چىمدىم كاپ ئەتسە،ئاشقازان ئاغرىقىغا شىپا بولىدۇ.

★ناۋاتنى زىرە بىلەن سوقۇپ،ناشتىدا ئىستېمال قىلىپ بەرسە،ئاشقازاننى قۇۋەتلەپ ،ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

★قوينىڭ قېرىنىنى پاكىز تازلاپ ،250گىرام زەنجىۋىل بىلەن قاينىتىپ ھەركۈنى بىر قانچە قۇشۇقتىن سۈينى ئىچىپ ئازراقتىن قېرىننى يەپ بەرسە،ئاشقازان ۋە ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسىغا ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ.

★ھەپتىدە بىر كۈن سەھەردە ناشتا قىلىپ،چۈشتە مېۋە يەپ،ئىلمان قايناق سۇنى ئىچىپ ،كەچلىك تاماقنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە ،ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.

★ھەرخىل تائاملارنى قۇرساقنىڭ ئۈچتەن ئىككى قىسىمى تويغىدەك ئىستېمال قىلسا ،ئاشقان تاماقلارنى يېيىش ۋاقتىدا ئىسسىتسا ۋە مۇچتىن ئۆزىنى تارتسا،ئاشقازان ئاغرىقىنى داۋالايدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق