باش بەت>>ساغلاملىق
ئىنساندىكى ئۆزىنى ئۆزى نابۇت قىلدىغان سەككىز مەسلە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 11:45:56

 

پىتنە پاسات تارقىتىش :تەتقىقاتتىن ئايان بولۇشچە،كىشلەنىڭ پىتنە-پاسات تارقىتىشتىكى مۇددىئاسى-يېنىغا ئادەم تارقىتىش ۋە گۇرۇھۋازلىق قىلىش ئارقىلىق،ئۆز ئىناۋىتىنى ئۆستۈرۈش ئىكەن.پىتنە-پاساتنىڭ مۇددىئاسى كۆپ ھاللاردا ھەرگىزمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئاشكارلاش بولماستىن،بەلكى 3-بىر تەرەپنىڭ مەنپەئىتىنى قۇربان قىلش بەدىلىگە ساختا «ئىتتىپاقلاشقان »دەك ھالەتنى شەكىللەندۈرىدۇ.ئامېرىكدىكى جەنۇبىي فىلورادو ئونۋېرستېتىنىڭ پىسخولوگىيە پىروفېسورى جۇننىفېر پوۋمىن مۇنداق دېگەن:«ئىككى ئادەم بىر ئادەمدىن بىزار بولغاندا بۇ ئادەمنىڭ بۇلۇڭ پۇشتاقلاردىكى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق خاتالىقىنى كۆپتۈرۈپ سۆزلەپ ،چوڭ خاتالىققا ئايلاندۇرۋېتىدۇ».

قىمارغا بېرىلىش:ئىنساننىڭ قىمار پىسخكىسى ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇغۇلغان بولىدۇ،بەلكىم شۇنداق بولغاچقىمىكىن،قىماردىن ئىبارەت بۇ خىل يۇقىتىش خاراكتىرلىك ھەرىكەت كىشلەرنىڭ رۇھىغا سېڭىپ كېتىدۇ.ئامېرىكىدىكى «نېرۋا تۈگۈنى»نامىلىق بىر تەرقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى:«قىماردا ئۇتقان چوڭ مېڭىدىكى غەلبىگە مۇناسىۋەتلىك رايۇنلار جانلىنىپ كېىدۇ،بۇنىڭ بىلەن كىشىدە داۋاملىق دو تىكىش تەۋەكككۇلچىلىكى پەيدا بولۇپ،ئۆزىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ».

بېسىم ئاستىدا يەنجىلىش:بېسىم كىشىدە يۈرەك كېسىلى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل .ئۇ ھاياتنى ئەڭ ئاسان ئەڭ ئاخىرقى چەككە يەتكۈزىدۇ.بېسىم يەنە ھاڭۋاقتىلىق كېسىلىنى پەيدا قلىدۇ،ئەمما بېسىم پەيدا قىلىدىغان ئامىل ھازىرچە ئېنىق ئەمەس،نۇرغۇن ئادەمنىڭ مۇھاكىمىسىگە قارىغاندا،بۈگۈنكى كۈندە خىزمەت ئورنىدا ئىشلەش بېسىمنىڭ پەيدا بۇلۇشىدىكى ئاساسلىق مەنبە ئىكەن.

«ئەڭ گۈزەل تىغ ئىزى»:نىمىشقا كىشىلەر ئۆز بەدىنىگە «تىغ ئۇرۇش»قا ئامراق؟ئامېرىكا ئاياللار ۋە ئائىلە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى،پىسخولۇگىيە مۇتەخەسسىسى دىئاننا زۇكمان مۇنداق دەيدۇ:«بىر خىل نەزەرىيەگە ئاساسلانساق،چىراي تۇرقى كۆركەم ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان ھىسياتىمۇ ياخشى بولىدۇ ۋە شۇ سەۋەبتىن خۇشال ياشايدۇ.گۈزەللىككە تەلپۈنۈش ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىغا يىلتىز تارتىقان سەزگۈ،گەرچە ئىقتىساد چېكىنگەن مەزگىلدە ھۆسن تۈزەش ئوپراتسىيىسى قىلدۇردىغانلار ئازىيىپ كەتسىمۇ،لېكىن يۈزدىكى قورۇقلارنى يۇقىتىش ئوپراتسىيەسى يەنىلا بازارلىق سودا بولۇپ قېلىۋىرىدۇ».

كۈچلۈكلەردىن قورقۇپ، ئاجىزلارنى بوزەك قىلىش:كۆپ تۈرلۈك تەتقىقاتتىن ئايانكى،ئوقۇش يېشىغا توشقان بالىلارنىڭ تەڭدىن تولىسى كۆچلۈكلەردىن قورقۇپ،ئاجىزلارنى بوزەك قىلىپ باقىدىكەن.بۇ خىل ھەرىكەت پەقەت بالىلارنىڭلا پاتېنىتى ئەمەس،يەنە شۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا،تەخمىنەن %30ئامېرىكىلىق باشلىقى ياكى خىزمەتداشلىرىنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ باققانىكەن.پىسخولۇگلار مۇنداق دەپ قارايدۇ:باشقىلرنى بوزەك قىلىشتىكى مۇددىئا –ئورۇن ۋە ھۇقۇققا ئېرىشىش ،زوراۋانلىق ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا خۇددى قوشكېزەكلەردەك بىر-بىرىگە ھەمرا بولۇپ كەلگەن.شۇڭا بۇ ئىشنى تەتقىق قىلىپ باققان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق يەكۈن چىقاردى:بىز زوراۋانلىققا پەرۋا قىلمايمىز،بىراق زوراۋانلىقىنىڭ گېنىمىزدا مەۋجۇتلىقىنى بلمەيمىز.

ئالدامچىلىق :ئادەم توختىماي يالغان سۆزلەيدۇ،شۇڭا يالغانچىلىق ھەممىمىزگە يۇققان.ئامېرىكىنىڭ ماسسا چۇستېن ئونۋېرستېتىدىكى پىسخولوگىيە پىروفېسسورى روبېرت فېرمان مۇنداق دەيدۇ:«يالغانچىلىق شەخىسنىڭ قەدىر-قىممەت قارشى بىلەن بىر تۇغقان».

ئوغرىلىق قىلىش:ئوغرىلىق قىلشتىكى مەقسەت –ئىھتىياجنى قاندۇرۇش مۇددىئاسى،ئەمما ئوغرىلىق قىلىشقا خۇمار بولۇپ قالغان كىشلەر ئوغرىلىق قىلش داۋامىدا غايەت زور روھلاندۇرۇش خۇرۇچىغا ئىگە بولالايدۇ.مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەيدۇ:«ئوغرىلىققا خۇمار بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبى گېندا بولسا كېرەك،چۈنكى مايمۇنمۇ شۇنداق قىلىدۇ».

يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتەلمەسلىك :كۆپ خىل تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇمكى،گەرچە بىز مەلۇم ناچار ئىللەتنىڭ بىزگە سالدىغان زىينىنى بەش قولدەك بىلسەكمۇ ،لېكىن مۇنداق يامان ئىللەتتىن قول ئۈزۈش ئۈچۈن نۇۇغۇن«قىيىنچىلىققا»دۇچ كېلىمىز.ئىنساننىڭ يامان ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تۇسالغۇ بولىدىغان سەۋەبلەر مۇنۇلار:تۇغما جاھىللىق،خەتەرنىڭ ماھىيىتنى چۈشنىشكە زادىلا ئامال قىلالماسلىق،بىنۇرمال ئادەتنى ئۆزىچە مۇۋاپىق ئادەتكە ئايلاندۇرۋېتىش،ئىرسىيەت ئامىلى پەيدا قىلغان ناچار ئادەت قاتارلىقلار.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق