باش بەت>>ساغلاملىق
چەتئەلگە ساياھەتكە چىقىشتىن بۇرۇن قايسى تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش لازىم ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:نىجات ۋەلى ياقۇپ | يوللانغان ۋاقىت:2014-08-28 17:54:03

 

 

چەتئەلگە ساياھەتكە چىققۇچىلار چوقۇم تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك ، شۇنداق قىلغاندا ئۆزى ئارزۇ قىلغىنىدەك ساھەت قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ .

1. تۇرمۇشقا كىرەكلىك بويۇملارنى تولۇق تەييارلاش كېرەك  ، مەسىلەن كىچىك يىپ-يىڭنە خالتىسى ، گىرىم بويۇملىرى قۇتىسى ،  كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تىغ ئەسۋاپلار ، خەرىتە ،قايچا تىرناق ئالغۇچ ، ئاپتاپتىن ساقلىنىش مىيى قاتارلىقلار .

2. كىيىم-كېچەك ۋە باش-ئاياغ كىيىملىرىنى تەييارلاش كېرەك،  پەسىللىك كىيىملەر يەنى ياز پەسىللىك 2-3 قۇر ، قىش پەسىللىك 1-2 قۇر كىيىم ئېلىۋىلىڭ ،لىكىن كىيىملەرنى بەك كۆپ ياكى بەك ئاز ئېلىۋىلىشتىن قاتتىق ساقلىنىڭ ، يەنە بىر قۇر مۇراسىم كىيىمى ئېلىۋىلىشنى ئۇنۇتماڭ ،يەنە ئاياغ ،باش كىيىمى قاتارلىقلارنىمۇ ئېلىۋىلىڭ .

3. يۈك-تاق ساندۇقى تەييارلاش كېرەك . چىداملىق ساياھەت سومكىسى تەييارلاش كېرەك لىكىن بەك چوڭ بولۇپ كەتمىسۇن بولمىسا ئىلىپ يۈرمەك بىئەپ بولۇپ قالىدۇ ، سومكىڭىزنىڭ ئۈستىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىڭىزنى يىزىپ قويۇڭ .

 4. ساياھەت ماتىرىياللىرىنى تەييارلاش كېرەك . يولغا چىقىشتىن بۇرۇن ئەڭ ياخشىسى بارماقچى بولغان دۆلەتنىڭ ساياھەت نۇقتىسى ، شۇ جاي خەلقىنىڭ  ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەم تارىخى قاتارلىقلار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش كېرەك .

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق